Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 147

زەبۇر 147:3-9

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3ئۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنى داۋالايدۇ؛ ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تاڭىدۇ.
4ئۇ يۇلتۇزلارنىڭ سانىنى سانايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر‫‪‎-‎‬‬بىرلەپ ئىسىم قويىدۇ.  
5ئۇلۇغدۇر رەببىمىز، زور قۇدرەتلىكتۇر؛ ئۇنىڭ چۈشىنىشى چەكسىزدۇر.
6پەرۋەردىگار ياۋاش مۆمىنلەرنى يۆلەپ كۆتۈرىدۇ؛ رەزىللەرنى يەرگىچە تۆۋەن قىلىدۇ.
7پەرۋەردىگارغا تەشەككۈرلەر بىلەن ناخشا ئېيتىڭلار؛ كۈيلەرنى چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتىڭلار!
8ئۇ ئاسماننى بۇلۇتلار بىلەن قاپلىتىدۇ، زېمىنغا يامغۇرنى بېكىتىدۇ، تاغلاردا ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپلەرنى ئۆستۈرىدۇ؛
9ماللارغا ئوزۇق، تاغ قاغىسىنىڭ چۈجىلىرى زارلىغاندا، ئۇلارغا ئوزۇق بېرىدۇ؛

Read زەبۇر 147زەبۇر 147
Compare زەبۇر 147:3-9زەبۇر 147:3-9