6|ו|: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قورقۇنچلۇق ئىشلىرىڭنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىدۇ؛ مەنمۇ ئۇلۇغ ئەمەللىرىڭنى جاكارلايمەن!
7|ז| ئۇلار زور مېھرىبانلىقىڭنى ئەسلەپ، ئۇنى مۇبارەكلەپ تارقىتىدۇ، ھەققانلىيلىقىڭ توغرۇلۇق يۇقىرى ئاۋازدا كۈيلەيدۇ.
8|ח| پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىلدۇر؛ ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، ئۇ زور مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر؛
9|ט| پەرۋەردىگار ھەممىگە مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرى بارچە ياراتقانلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر؛