9ئى خۇدا، مەن ساڭا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىمەن؛ ئونتارغا تەڭكەش بولۇپ ساڭا كۈيلەرنى ئېيتىمەن.
10سەن پادىشاھلارغا نىجاتلىق-غەلىبە بېغىشلايسەن؛ قۇلۇڭ داۋۇتنى ئەجەللىك قىلىچتىن قۇتۇلدۇرىسەن.
11مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، يات يۇرتتىكىلەرنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغايسەن؛ ئۇلارنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ سۆزلەيدۇ، ئوڭ قولى ئالدامچى قولدۇر.