7يۇقىرىدىن قوللىرىڭنى ئۇزىتىپ، مېنى ئازاد قىلغايسەن؛ مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن، ياقا يۇرتتىكىلەرنىڭ چاڭگىلىدىن چىقارغايسەن.
8ئۇلارنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ سۆزلەيدۇ، ئوڭ قولى ئالدامچى قولدۇر.
9ئى خۇدا، مەن ساڭا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىمەن؛ ئونتارغا تەڭكەش بولۇپ ساڭا كۈيلەرنى ئېيتىمەن.
10سەن پادىشاھلارغا نىجاتلىق-غەلىبە بېغىشلايسەن؛ قۇلۇڭ داۋۇتنى ئەجەللىك قىلىچتىن قۇتۇلدۇرىسەن.
11مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، يات يۇرتتىكىلەرنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغايسەن؛ ئۇلارنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ سۆزلەيدۇ، ئوڭ قولى ئالدامچى قولدۇر.