Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 136

زەبۇر 136:6-15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6زېمىننى سۇلار ئۈستىدە سوزۇپ تۇرغۇزغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
7ئۇلۇغ نۇر جىسىملىرىنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
8كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان قۇياشنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
9كېچىنى باشقۇردىغان ئاي ھەم يۇلتۇزلارنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
10ئۇلارنىڭ تۇنجىلىرىنى ئۇرۇپ، مىسىرغا زەرب بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
11ئىسرائىلنى ئۇلار ئارىسىدىن چىقارغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
12كۈچلۈك قول ھەم ئۇزاتقان بىلەك بىلەن ئۇلارنى چىقارغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
13قىزىل دېڭىزنى بۆلەك‫‪‎-‎‬‬بۆلەك بۆلگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
14ھەم ئىسرائىلنى ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
15قىزىل دېڭىزدا پىرەۋننى قوشۇنلىرى بىلەن سۈپۈرۈپ تاشلىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛

Read زەبۇر 136زەبۇر 136
Compare زەبۇر 136:6-15زەبۇر 136:6-15