23ھالىمىز خاراب ئەھۋالدا، بىزلەرنى ئەسلىگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
24بىزنى ئەزگەنلەردىن قۇتۇلدۇرغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
25بارلىق ئەت ئىگىلىرىگە ئوزۇق بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
26ئەرشلەردىكى تەڭرىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!