18ھەم مەشھۇر پادىشاھلارنى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
19جۈملىدىن ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
20ــ ھەم باشان پادىشاھى ئوگنى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
21ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس ئۈچۈن بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
22بۇنى بەندىسى ئىسرائىلغا مىراس قىلىپ بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
23ھالىمىز خاراب ئەھۋالدا، بىزلەرنى ئەسلىگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛