Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 135

زەبۇر 135:8-20

Help us?
Click on verse(s) to share them!
8ئۇ مىسىردىكى تۇنجى ئوغۇللارنى ھالاك قىلدى، ئىنسانلارنىڭ بولسۇن، ھايۋانلارنىڭ بولسۇن ھەممىنى ئۇرۇپ ھالاك قىلدى.
9ئۇ ئالامەتلەرنى، مۆجىزىلەرنى ئاراڭلارغا ئەۋەتتى، ئى مىسىر؛ پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ ھەممە قۇللىرى ئۈستىگە ئەۋەتتى.
10ئۇ ئۇلۇغ ئەللەرنى ئۇرۇۋەتتى، قۇدرەتلىك پادىشاھلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛
11ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى، باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى، قانائاندىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى ئۇرۇۋەتتى.
12ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس قىلىپ، ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا مىراس بولۇشقا تەقدىم قىلدى.
13سېنىڭ نامىڭ، پەرۋەردىگار، مەڭگۈگە، شۆھرەت‫‪‎-‎‬‬خاتىرەڭ دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگىچىدۇر.
14چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ؛ ئۆز قۇللىرىغا رەھىم قىلىدۇ.
15ئەللەرنىڭ بۇتلىرى بولسا پەقەتلا كۈمۈش‫‪‎-‎‬‬ئالتۇندىن ئىبارەتتۇر، ئۇلارنى ئىنساننىڭ قوللىرى ياسىغاندۇر، خالاس.
16ئۇلارنىڭ ئاغزى بار، بىراق سۆزلىمەيدۇ؛ كۆزلىرى بار، بىراق كۆرمەيدۇ؛
17قۇلاقلىرى بار، بىراق ئاڭلىمايدۇ، ئاغزىدا ھېچ نەپەس يوقتۇر.
18ئۇلارنى ياسىغانلار ئۇلارغا ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇلارغا تايانغانلارمۇ شۇنداقتۇر.
19ئىسرائىل جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە قايتۇرۇڭلار؛ ھارۇن جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە قايتۇرۇڭلار؛
20لاۋىي جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە قايتۇرۇڭلار؛ پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە قايتۇرۇڭلار!

Read زەبۇر 135زەبۇر 135
Compare زەبۇر 135:8-20زەبۇر 135:8-20