3چۈنكى رەزىللەرنىڭ ھوقۇق ھاسىسى ھەققانىيلارنىڭ نېسىۋىسىنى باشقۇرمايدۇ؛ بولمىسا ھەققانىيلارمۇ قوللىرىنى قەبىھلىككە ئۇزارتىشى مۇمكىن.
4پەرۋەردىگار، مېھرىبانلارغا مېھرىبانلىق قىلغايسەن؛ كۆڭلى دۇرۇسلارغىمۇ شۇنداق بولسۇن.
5بىراق ئەگرى يوللارغا بۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنى بولسا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن تەڭ شاللايدۇ. ئىسرائىلغا ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي!