4شۇ چاغدا سۇلار بىزنى غەرق قىلىۋېتەتتى؛ كەلكۈن بېشىمىزدىن ئۆتەتتى؛
5داۋالغۇغان سۇلار بېشىمىزدىن ئۆتەتتى!
6پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! ئۇلارنىڭ چىشلىرىغا ئوۋ بولۇشقا بىزنى قويۇپ بەرمىدى.
7جېنىمىز تۇتقۇچىلارنىڭ باسمىقىدىن قېچىپ چىققان قۇشتەك قاچتى؛ باسماق سۇندۇرۇلۇپ، بىز قاچتۇق!