1«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ئەگەر بىز تەرەپتە تۇرغىنى پەرۋەردىگار بولمىغان بولسا، ــ ئاھ، ئىسرائىل شۇنداق دېسۇن ــ
2بىز تەرەپتە تۇرغىنى پەرۋەردىگار بولمىغان بولسا، كىشىلەر بىزگە ھۇجۇمغا قوزغالغاندا،
3ئۇلارنىڭ غەزىپى بىزگە تۇتاشقاندا، ــ شۇ چاغدا ئۇلار بىزنى تىرىك يۇتۇۋېتەتتى؛
4شۇ چاغدا سۇلار بىزنى غەرق قىلىۋېتەتتى؛ كەلكۈن بېشىمىزدىن ئۆتەتتى؛