97|מ| (مەم) ئاھ، مېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا بولغان مۇھەببىتىم نەقەدەر چوڭقۇردۇر! كۈن بويى ئۇ مېنىڭ سېغىنىپ ئويلايدىغىنىمدۇر.
98ئەمرلىرىڭ ھەردائىم مەن بىلەن بىللە تۇرغاچقا، مېنى دۈشمەنلىرىمدىن دانا قىلىدۇ؛
99بارلىق ئۇستازلىرىمدىن كۆپ يورۇتۇلغانمەن، چۈنكى ئاگاھ-گۇۋاھلىرىڭ سېغىنىشىمدۇر.
100مەن قېرىلاردىن كۆپرەك چۈشىنىمەن، چۈنكى كۆرسەتمىلىرىڭگە ئىتائەت قىلىپ كەلدىم.
101سۆز-كالامىڭغا ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، ئاياغلىرىمنى ھەممە يامان يولدىن تارتتىم.
102ھۆكۈملىرىڭدىن ھېچ چىقمىدىم؛ چۈنكى ماڭا ئۆگەتكەن سەن ئۆزۈڭدۇرسەن.
103سۆزلىرىڭ تىلىمغا شۇنچە شېرىن تېتىيدۇ! ئاغزىمدا ھەسەلدىن تاتلىقتۇر!
104كۆرسەتمىلىرىڭدىن مەن يورۇتۇلدۇم؛ شۇڭا بارلىق ساختا يولنى ئۆچ كۆرىمەن.
105|נ| (نۇن) سۆز-كالامىڭ ئايىغىم ئالدىدىكى چىراغ، يولۇمغا نۇردۇر.
106قەسەم ئىچتىم، ئەمەل قىلىمەنكى، مەن ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭنى تۇتىمەن.
107زور ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەكتىم، ئى پەرۋەردىگار؛ سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
108قوبۇل قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ئاغزىمدىكى خالىس قۇربانلىقلارنى، ماڭا ھۆكۈملىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
109جېنىمنى ئالىقىنىمدا دائىم ئېلىپ يۈرىمەن، بىراق تەۋرات-قانۇنۇڭنى پەقەت ئۇنتۇمايمەن.
110رەزىللەر مەن ئۈچۈن قىلتاق قۇردى؛ بىراق كۆرسەتمىلىرىڭدىن ئاداشمىدىم.