85تەكەببۇرلار ماڭا ئورىلارنى كولىغان؛ بۇ ئىشلار تەۋراتىڭغا مۇخالىپتۇر؛
86سېنىڭ بارلىق ئەمرلىرىڭ ئىشەنچلىكتۇر؛ ئۇلار يولسىزلىق بىلەن مېنى قىستىماقتا؛ ماڭا ياردەم قىلغايسەن!
87ئۇلار مېنى يەر يۈزىدىن يوقاتقىلى قىل قالدى؛ بىراق مەن بولسام، كۆرسەتمىلىرىڭدىن ۋاز كەچمىدىم.
88ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن، ۋە ئاغزىڭدىكى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى تۇتىمەن.
89|ל| (لامەد) مەڭگۈگە، ئى پەرۋەردىگار، سۆز-كالامىڭ ئەرشلەردە بېكىتىلگەندۇر.
90سېنىڭ ساداقىتىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر؛ سەن يەر-زېمىننى مۇقىم بېكىتكەنسەن، ئۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
91سېنىڭ ھۆكۈم-قانۇنىيەتلىرىڭ بىلەن بۇلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇرىدۇ؛ چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلار سېنىڭ خىزمىتىڭدىدۇر.
92سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭ خۇرسەنلىكىم بولمىغان بولسا، ئازابىمدا يوقاپ كېتەر ئىدىم.
93مەن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن؛ چۈنكى مۇشۇلار ئارقىلىق ماڭا ھاياتلىق بەردىڭ؛