Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 119

زەبۇر 119:80-115

Help us?
Click on verse(s) to share them!
80كۆڭلۈم بەلگىلىمىلىرىڭدە مۇكەممەل بولسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن يەرگە قاراپ قالمايمەن.
81|כ| (كاف) جېنىم نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ ھالىدىن كېتەي دەۋاتىدۇ؛ مەن سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم.
82كۆزۈم سۆز‫‪‎-‎‬‬ۋەدەڭگە تەلمۈرۈپ تۈگىشەي دېدى، «سەن قاچانمۇ ماڭا تەسەللى بېرەرسەن» ــ دەپ.
83چۈنكى مەن ئىسلىنىپ قۇرۇپ كەتكەن تۇلۇمدەك بولدۇم، بىراق بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۇنتۇمايمەن.
84قۇلۇڭنىڭ كۈنلىرى قانچە بولىدۇ؟ ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى قاچان جازالايسەن؟
85تەكەببۇرلار ماڭا ئورىلارنى كولىغان؛ بۇ ئىشلار تەۋراتىڭغا مۇخالىپتۇر؛
86سېنىڭ بارلىق ئەمرلىرىڭ ئىشەنچلىكتۇر؛ ئۇلار يولسىزلىق بىلەن مېنى قىستىماقتا؛ ماڭا ياردەم قىلغايسەن!
87ئۇلار مېنى يەر يۈزىدىن يوقاتقىلى قىل قالدى؛ بىراق مەن بولسام، كۆرسەتمىلىرىڭدىن ۋاز كەچمىدىم.
88ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن، ۋە ئاغزىڭدىكى ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭنى تۇتىمەن.
89|ל| (لامەد) مەڭگۈگە، ئى پەرۋەردىگار، سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭ ئەرشلەردە بېكىتىلگەندۇر.
90سېنىڭ ساداقىتىڭ دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگىچىدۇر؛ سەن يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىننى مۇقىم بېكىتكەنسەن، ئۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
91سېنىڭ ھۆكۈم‫‪‎-‎‬‬قانۇنىيەتلىرىڭ بىلەن بۇلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇرىدۇ؛ چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلار سېنىڭ خىزمىتىڭدىدۇر.
92سېنىڭ تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭ خۇرسەنلىكىم بولمىغان بولسا، ئازابىمدا يوقاپ كېتەر ئىدىم.
93مەن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن؛ چۈنكى مۇشۇلار ئارقىلىق ماڭا ھاياتلىق بەردىڭ؛
94مەن سېنىڭكىدۇرمەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭنى ئىزدەپ كەلدىم.
95رەزىللەر مېنى ھالاك قىلىشنى كۈتمەكتە؛ بىراق مەن ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىرىڭنى كۆڭلۈمدە تۇتۇپ ئويلايمەن.
96مەن ھەممە مۇكەممەللىكنىڭ چېكى بار دەپ بىلىپ يەتتىم؛ بىراق سېنىڭ ئەمر‫‪‎-‎‬‬كالامىڭ چەكسىز كەڭدۇر!
97|מ| (مەم) ئاھ، مېنىڭ تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭغا بولغان مۇھەببىتىم نەقەدەر چوڭقۇردۇر! كۈن بويى ئۇ مېنىڭ سېغىنىپ ئويلايدىغىنىمدۇر.
98ئەمرلىرىڭ ھەردائىم مەن بىلەن بىللە تۇرغاچقا، مېنى دۈشمەنلىرىمدىن دانا قىلىدۇ؛
99بارلىق ئۇستازلىرىمدىن كۆپ يورۇتۇلغانمەن، چۈنكى ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىرىڭ سېغىنىشىمدۇر.
100مەن قېرىلاردىن كۆپرەك چۈشىنىمەن، چۈنكى كۆرسەتمىلىرىڭگە ئىتائەت قىلىپ كەلدىم.
101سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭغا ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، ئاياغلىرىمنى ھەممە يامان يولدىن تارتتىم.
102ھۆكۈملىرىڭدىن ھېچ چىقمىدىم؛ چۈنكى ماڭا ئۆگەتكەن سەن ئۆزۈڭدۇرسەن.
103سۆزلىرىڭ تىلىمغا شۇنچە شېرىن تېتىيدۇ! ئاغزىمدا ھەسەلدىن تاتلىقتۇر!
104كۆرسەتمىلىرىڭدىن مەن يورۇتۇلدۇم؛ شۇڭا بارلىق ساختا يولنى ئۆچ كۆرىمەن.
105|נ| (نۇن) سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭ ئايىغىم ئالدىدىكى چىراغ، يولۇمغا نۇردۇر.
106قەسەم ئىچتىم، ئەمەل قىلىمەنكى، مەن ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭنى تۇتىمەن.
107زور ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتلەرنى چەكتىم، ئى پەرۋەردىگار؛ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
108قوبۇل قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ئاغزىمدىكى خالىس قۇربانلىقلارنى، ماڭا ھۆكۈملىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
109جېنىمنى ئالىقىنىمدا دائىم ئېلىپ يۈرىمەن، بىراق تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭنى پەقەت ئۇنتۇمايمەن.
110رەزىللەر مەن ئۈچۈن قىلتاق قۇردى؛ بىراق كۆرسەتمىلىرىڭدىن ئاداشمىدىم.
111ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭنى مىراس قىلىپ مەڭگۈگە قوبۇل قىلدىم؛ چۈنكى ئۇلار كۆڭلۈمنىڭ شادلىقىدۇر.
112مەن كۆڭلۈمنى بەلگىلىمىلىرىڭگە مەڭگۈگە ئەمەل قىلىشقا، يەنى ئاخىرغىچە ئەمەل قىلىشقا مايىل قىلدىم.
113|ס| (سامەق) ئالا كۆڭۈللەرنى ئۆچ كۆرۈپ كەلدىم؛ سۆيگىنىم بولسا، تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭدۇر.
114سەن مېنىڭ دالدا جايىم، مېنىڭ قالقانىمدۇرسەن؛ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم.
115مەن خۇدايىمنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، مەندىن نېرى بولۇڭلار، ئى رەزىللىك قىلغۇچىلار!

Read زەبۇر 119زەبۇر 119
Compare زەبۇر 119:80-115زەبۇر 119:80-115