Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 119

زەبۇر 119:73-82

Help us?
Click on verse(s) to share them!
73|י| (يود) سېنىڭ قوللىرىڭ مېنى ياسىغان، مېنى مۇستەھكەملىدى؛ مېنى يورۇتقايسەن، ئەمرلىرىڭنى ئۆگىنىمەن.
74سەندىن ئەيمىنىدىغانلار مېنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭغا ئۈمىد باغلاپ كەلدىم.
75ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى، ۋاپادارلىقىڭدىن مېنى ئازابقا سالغىنىڭنى بىلىمەن.
76ئاھ، قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ تەسەللىيىم بولسۇن.
77مېنىڭ ياشىشىم ئۈچۈن، رەھىمدىللىقلىرىڭ يېنىمغا كەلسۇن؛ چۈنكى تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر.
78تەكەببۇرلار خىجالەتتە قالسۇن؛ چۈنكى ئۇلار ماڭا يالغانچىلىق بىلەن تەتۈرلۈك قىلغان؛ مەن بولسام، كۆرسەتمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن.
79سەندىن ئەيمىنىدىغانلار مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ كەلسۇن؛ ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭنى بىلگەنلەرمۇ شۇنداق بولسۇن.
80كۆڭلۈم بەلگىلىمىلىرىڭدە مۇكەممەل بولسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن يەرگە قاراپ قالمايمەن.
81|כ| (كاف) جېنىم نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ ھالىدىن كېتەي دەۋاتىدۇ؛ مەن سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم.
82كۆزۈم سۆز‫‪‎-‎‬‬ۋەدەڭگە تەلمۈرۈپ تۈگىشەي دېدى، «سەن قاچانمۇ ماڭا تەسەللى بېرەرسەن» ــ دەپ.

Read زەبۇر 119زەبۇر 119
Compare زەبۇر 119:73-82زەبۇر 119:73-82