60مەن ئالدىرىدىم، ھېچ كېچىكمىدىم، سېنىڭ ئەمرلىرىڭگە ئەمەل قىلىشقا.
61رەزىللەرنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى چىرمىۋالغىنى بىلەن، مەن تەۋرات-قانۇنۇڭنى ھېچ ئۇنتۇمىدىم.
62ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ ئۈچۈن، تۈن كېچىدە تەشەككۈر ئېيتقىلى قوپىمەن.
63مەن سەندىن قورقىدىغانلارنىڭ، كۆرسەتمىلىرىڭگە ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈلپىتىدۇرمەن.
64جاھان، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن تولدى؛ ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
65|ט| (تەت) سۆز-كالامىڭ بويىچە، ئى پەرۋەردىگار، ئۆز قۇلۇڭغا مېھرىبانلىقنى كۆرسىتىپ كەلگەنسەن.
66ماڭا ئوبدان پەرق ئېتىشنى ۋە بىلىمنى ئۆگەتكەيسەن؛ چۈنكى مەن ئەمرلىرىڭگە ئىشەندىم.
67مەن ئازابقا ئۇچراشتىن بۇرۇن يولدىن ئازغان، بىراق ھازىر سۆزۈڭنى تۇتىمەن.
68سەن مېھرىباندۇرسەن، مېھرىبانلىق قىلىسەن، ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
69تەكەببۇرلار ماڭا قارا چاپلاشتى؛ بىراق كۆرسەتمىلىرىڭگە پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئىتائەت قىلىمەن.