147مەن تاڭ ئاتماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەرياد كۆتۈرىمەن؛ سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم.
148ۋەدىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىش ئۈچۈن، تۈندىكى جېسەكلەر ئالماشماي تۇرۇپ كۆزۈم ئېچىلىدۇ.
149ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛ ئى پەرۋەردىگار، ھۆكۈملىرىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
150قەبىھ نىيەتكە ئەگەشكەنلەر ماڭا يېقىنلاشتى، ئۇلار تەۋرات-قانۇنۇڭدىن يىراقتۇر.
151ئى پەرۋەردىگار، سەن ماڭا يېقىن تۇرىسەن؛ بارلىق ئەمرلىرىڭ ھەقىقەتتۇر.