137|צ| (تسادە) ھەققانىيدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ھۆكۈملىرىڭ توغرىدۇر.
138سەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى ھەققانىيلىقتا بۇيرۇغان؛ ئۇلار تولىمۇ ئىشەنچلىكتۇر!
139ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى يوقىتىدۇ، چۈنكى مېنى خار قىلغۇچىلار سۆزلىرىڭگە پىسەنت قىلمايدۇ.
140سۆزۈڭ تولۇق سىناپ ئىسپاتلانغاندۇر؛ شۇڭا قۇلۇڭ ئۇنى سۆيىدۇ.
141مەن تېرىقتەكتۇرمەن، كەمسىتىلگەنمەن، بىراق كۆرسەتمىلىرىڭنى ئۇنتۇمايمەن.
142سېنىڭ ھەققانىيىتىڭ ئەبەدىي بىر ھەققانىيەتتۇر، تەۋرات-قانۇنۇڭ ھەقىقەتتۇر.