130سۆزلىرىڭنىڭ يېشىمى نۇر ئېلىپ كېلىدۇ؛ نادانلارنىمۇ يورۇتىدۇ.
131ئاغزىمنى ئېچىپ ھاسىراپ كەتتىم، چۈنكى ئەمرلىرىڭگە تەشنا بولۇپ كەلدىم.
132نامىڭنى سۆيگەنلەرگە بولغان ئادىتىڭ بويىچە، جامالىڭنى مەن تەرەپكە قارىتىپ شەپقەت كۆرسەتكەيسەن.
133قەدەملىرىمنى سۆزۈڭ بىلەن توغرىلىغايسەن؛ ئۈستۈمگە ھېچ قەبىھلىكنى ھۆكۈم سۈرگۈزمىگەيسەن.
134مېنى ئىنساننىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن، شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭگە ئىتائەت قىلىمەن.
135جامالىڭنىڭ نۇرىنى قۇلۇڭنىڭ ئۈستىگە چاچتۇرغايسەن؛ ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
136كۆزلىرىمدىن ياش ئېرىقلىرى ئاقىدۇ، چۈنكى ئىنسانلار تەۋرات-قانۇنۇڭغا بويسۇنمايدۇ.