128شۇڭا ھەممە ئىشلارنى باشقۇرىدىغان بارلىق كۆرسەتمىلىرىڭنى توغرا دەپ بىلىمەن؛ بارلىق ساختا يولنى ئۆچ كۆرىمەن.
129|פ| (پې) ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ كارامەتتۇر؛ شۇڭا جېنىم ئۇلارغا ئەگىشىدۇ.
130سۆزلىرىڭنىڭ يېشىمى نۇر ئېلىپ كېلىدۇ؛ نادانلارنىمۇ يورۇتىدۇ.
131ئاغزىمنى ئېچىپ ھاسىراپ كەتتىم، چۈنكى ئەمرلىرىڭگە تەشنا بولۇپ كەلدىم.
132نامىڭنى سۆيگەنلەرگە بولغان ئادىتىڭ بويىچە، جامالىڭنى مەن تەرەپكە قارىتىپ شەپقەت كۆرسەتكەيسەن.
133قەدەملىرىمنى سۆزۈڭ بىلەن توغرىلىغايسەن؛ ئۈستۈمگە ھېچ قەبىھلىكنى ھۆكۈم سۈرگۈزمىگەيسەن.