106قەسەم ئىچتىم، ئەمەل قىلىمەنكى، مەن ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭنى تۇتىمەن.
107زور ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەكتىم، ئى پەرۋەردىگار؛ سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
108قوبۇل قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ئاغزىمدىكى خالىس قۇربانلىقلارنى، ماڭا ھۆكۈملىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
109جېنىمنى ئالىقىنىمدا دائىم ئېلىپ يۈرىمەن، بىراق تەۋرات-قانۇنۇڭنى پەقەت ئۇنتۇمايمەن.
110رەزىللەر مەن ئۈچۈن قىلتاق قۇردى؛ بىراق كۆرسەتمىلىرىڭدىن ئاداشمىدىم.
111ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى مىراس قىلىپ مەڭگۈگە قوبۇل قىلدىم؛ چۈنكى ئۇلار كۆڭلۈمنىڭ شادلىقىدۇر.
112مەن كۆڭلۈمنى بەلگىلىمىلىرىڭگە مەڭگۈگە ئەمەل قىلىشقا، يەنى ئاخىرغىچە ئەمەل قىلىشقا مايىل قىلدىم.
113|ס| (سامەق) ئالا كۆڭۈللەرنى ئۆچ كۆرۈپ كەلدىم؛ سۆيگىنىم بولسا، تەۋرات-قانۇنۇڭدۇر.