Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشايا - يەشايا 43

يەشايا 43:5-11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5قورقما، چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللەدۇرمەن؛ مەن نەسلىڭنى شەرقتىن، سېنى غەربتىن يىغىپ ئەپكېلىمەن؛
6مەن شىمالغا‫‪:‬‬ ــ «تاپشۇر ئۇلارنى!» ۋە جەنۇبقا‫‪:‬‬ ــ «ئۇلارنى تۇتۇپ قالما! ئوغۇللىرىمنى يىراقتىن، قىزلىرىمنى جاھاننىڭ چەت‫‪‎-‎‬‬چەتلىرىدىن ئەپكېلىپ بەر؛
7مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان ھەربىرسىنى، مەن ئۆز شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىم ئۈچۈن ياراتقان ھەربىرسىنى ئەپكېلىپ بەر!» ــ دەيمەن، ــ «مەن ئۇنى شەكىللەندۈردۈم، مەن ئۇنى ئاپىرىدە قىلدىم!»».
8ئۇ «كۆزى بار» قارىغۇ خەلقنى، يەنى «قۇلىقى بار» گاسلارنى ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
9ــ «بارلىق ئەللەر يىغىلسۇن، خەلقلەر جەم بولسۇن! ئۇلاردىن كىممۇ مۇنداق ئىشلارنى جاكارلىيالىسۇن؟ يەنى كىم مۇشۇنداق «ئىلگىرىكى ئىشلار»نى ئالدىنئالا بىزگە ئاڭلىتىپ باققان؟ بار بولسا، ئۆزلىرىنى ئىسپاتلاشقا گۇۋاھچىلىرىنى ئالدىغا كەلتۈرسۇن؛ بولمىسا، ئۇلار بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن‫‪:‬‬ ــ «بۇ بولسا ھەقىقەت!» دەپ ئېتىراپ قىلسۇن!
10سىلەر خەلقىم مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم، ھەم مەن تاللىغان قۇلۇم مەن ئۈچۈن گۇۋاھچىدۇر، شۇنداق ئىكەن، سىلەر مېنى تونۇپ، ماڭا ئىشىنىپ، ھەم چۈشىنىپ يەتكەيسىلەركى‫‪:‬‬ ــ «مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن، مەندىن ئىلگىرى ھېچ ئىلاھ شەكىللەنمىگەن، ھەم مەندىن كېيىنمۇ ھېچ شەكىللەنمەيدۇ؛  
11مەن، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر».

Read يەشايا 43يەشايا 43
Compare يەشايا 43:5-11يەشايا 43:5-11