Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشايا

يەشايا 28

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەفرائىمدىكى مەيخورلارنىڭ بېشىدىكى تەكەببۇرلۇق بىلەن تاقىۋالغان گۈللۈك تاجىغا ۋاي! مۇنبەت جىلغىنىڭ بېشىغا تاقىۋالغان، يەنى ئۇلارنىڭ سولىشىپ قالغان «پەخرى» بولغان گۈلىگە ۋاي! ئى شارابنىڭ ئەسىرى بولغانلار!
2مانا، رەب بىر كۈچ ۋە قۇدرەت ئىگىسىنى ھازىرلىدى؛ ئۇ بولسا، مۆلدۈرلۈك جۇدۇن ھەم ۋەيران قىلغۇچى بوراندەك، دەھشەت بىلەن تاشقان كەلكۈن سۇلىرىدەك، ئەشەددىيلەرچە تاجنى يەرگە ئۇرىدۇ.
3ئەفرائىمدىكى مەيخورلارنىڭ بېشىدىكى تەكەببۇرلۇق بىلەن تاقىۋالغان گۈللۈك تاجى ئاياغ ئاستىدا چەيلىنىدۇ؛
4ۋە مۇنبەت جىلغىنىڭ بېشىدا تاقىۋالغان، ئۇلارنىڭ «پەخرى» بولغان سولىشىپ قالغان گۈلى بولسا، بالدۇر پىشقان ئەنجۈردەك بولىدۇ؛ ئۇنى كۆرگەن كىشى كۆرۈپلا، قولىغا ئېلىپ كاپ ئېتىپ يۇتۇۋالىدۇ.
5شۇ كۈنىدە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ قالدىسى ئۈچۈن شەرەپلىك بىر تاج، شۇنداقلا كۆركەم بىر چەمبىرەك بولىدۇ.
6ئۇ يەنە ھۆكۈم چىقىرىشقا ئولتۇرغانلارغا توغرا ھۆكۈم چىقارغۇچى روھ، ۋە دەرۋازىدا جەڭنى چېكىندۈرگۈچىگە كۈچ بولىدۇ.
7بىراق بۇلارمۇ شاراب ئارقىلىق خاتالاشتى، ھاراق بىلەن ئېزىقىپ كەتتى‫‪:‬‬ ــ ھەم كاھىن ھەم پەيغەمبەر ھاراق ئارقىلىق ئېزىقىپ كەتتى؛ ئۇلار شاراب تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان؛ ئۇلار ھاراق تۈپەيلىدىن ئەلەڭ‫‪‎-‎‬‬سەلەڭ بولۇپ ئېزىقىپ كەتتى؛ ئۇلار ئالدىن كۆرۈشتىن ئاداشتى، ھۆكۈم قىلىشتا ئېزىقىشتى؛  
8چۈنكى ھەممە داستىخان بوش ئورۇن قالماي قۇسۇق ۋە نىجاسەت بىلەن تولدى.
9«ئۇ كىمگە بىلىم ئۈگەتمەكچىدۇ؟ ئۇ زادى كىمنى مۇشۇ خەۋەرنى چۈشىنىدىغان قىلماقچىدۇ؟» «ئېغىزلاندۇرۇلغانلارغا ئەمەسمۇ؟! ئەمچەكتىن ئايرىلغان بوۋاقلارغا ئەمەسمۇ؟!
10چۈنكى خەۋەر بولسا ۋەزمۇۋەز، ۋەزمۇۋەزدۇر، قۇرمۇقۇر، قۇرمۇقۇردۇر، بۇ يەردە ئازراق، شۇ يەردە ئازراق بولىدۇ...
11چۈنكى دۇدۇقلايدىغان لەۋلەر ۋە يات بىر تىل بىلەن ئۇ مۇشۇ خەلققە سۆز قىلىدۇ.  
12ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ «مانا، ئارام مۇشۇ يەردە، ھالى يوقلارنى ئارام ئالدۇرۇڭلار؛ يېڭىلىنىش مۇشۇدۇر» ــ دېگەن، بىراق ئۇلار ھېچنېمىنى ئاڭلاشنى خالىمىغان.
13شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ «ۋەزمۇۋەز، ۋەزمۇۋەزدۇر، قۇرمۇقۇر، قۇرمۇقۇردۇر. مۇشۇ يەرگە ئازراق، شۇ يەرگە ئازراق بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغا كېتىۋېتىپ، پۇتلىشىپ، ئوڭدا چۈشىدۇ، سۇندۇرۇلۇپ، تۇزاققا چۈشۈپ تۇتۇلۇپ قالىدۇ.  
14ــ شۇڭا ھەي سىلەر مازاق قىلغۇچىلار، يېرۇسالېمدا تۇرغان مۇشۇ خەلقنى ئىدارە قىلغۇچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار!
15چۈنكى سىلەر‫‪:‬‬ ــ «بىز ئۆلۈم بىلەن ئەھدە تۈزدۇق، تەھتىسارا بىلەن بىللە بىر كېلىشىم بېكىتتۇق؛ قامچا تاشقىندەك ئۆتۈپ كەتكەندە، ئۇ بىزگە تەگمەيدۇ؛ چۈنكى يالغانچىلىقنى باشپاناھىمىز قىلدۇق، يالغان سۆزلەر ئاستىدا مۆكۈنۈۋالدۇق» ــ دېدىڭلار،
16شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ مانا، زىئوندا ئۇل بولۇش ئۈچۈن بىر تاش، سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر تاش، قىممەتلىك بىر بۇرجەك تېشى، ئىشەنچلىك ھەم مۇقىم ئۇل تېشىنى سالغۇچى مەن بولىمەن. ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان كىشى ھېچ ھودۇقمايدۇ، ئالدىرىمايدۇ.  
17ۋە مەن ئادالەتنى ئۆلچەم تانىسى قىلىمەن، ھەققانىيلىقنى بولسا تىك ئۆلچىگۈچ يىپ قىلىمەن؛ مۆلدۈر باشپاناھى بولغان يالغانچىلىقنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ، ۋە كەلكۈن مۆكۈۋالغان جايىنى تېشىپ ئەپكېتىدۇ.
18شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭلار بىكار قىلىۋېتىلىدۇ؛ سىلەرنىڭ تەھتىسارا بىلەن بېكىتكەن كېلىشىمىڭلار ئاقمايدۇ؛ قامچا تاشقىندەك ئۆتۈپ كەتكەندە، سىلەر ئۇنىڭ بىلەن چەيلىۋېتىلىسىلەر.

19ئۇ ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنلا سىلەرنى تۇتىدۇ؛ ھەم سەھەر‫‪‎-‎‬‬سەھەرلەردە، ھەم كېچە‫‪‎-‎‬‬كۈندۈزلەردىمۇ ئۇ ئۆتۈپ تۇرىدۇ، بۇ خەۋەرنى پەقەت ئاڭلاپ چۈشىنىشنىڭ ئۆزىلا ۋەھىمىگە چۈشۈش بولىدۇ.
20چۈنكى كارىۋات سوزۇلۇپ يېتىشقا قىسقىلىق قىلىدۇ، يوتقان بولسا ئادەم تۈگۈلۈپ ياتسىمۇ تارلىق قىلىدۇ.
21چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئىشىنى، يەنى ئۆزىنىڭ غەيرىي ئەمىلىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، ئۆزىگە يات بولغان ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن، پەرازىم تېغىدا تۇرغىنىدەك ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۇ گىبېئون جىلغىسىدا غەزەپلەنگىنىدەك غەزەپلىنىدۇ؛
22شۇڭا مازاق قىلغۇچىلار بولماڭلار؛ بولمىسا، كىشەنلىرىڭلار چىڭ بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگاردىن بىر ھالاكەت توغرىسىدا، يەنى پۈتكۈل يەر يۈزىگە قەتئىيلىك بىلەن بېكىتكەن بىر ھالاكەت توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغانمەن.
23ــ قۇلاق سېلىڭلار، ئاۋازىمنى ئاڭلاڭلار؛ تىڭشاڭلار، سۆزلىرىمنى ئاڭلاڭلار.
24يەر ھەيدىگۈچى دېھقان تېرىش ئۈچۈن يەرنى كۈن بويى ھەيدەمدۇ؟ ئۇ پۈتۈن كۈن يەرنى ئاغدۇرۇپ، چالمىلارنى ئېزەمدۇ؟
25ئۇ يەرنىڭ يۈزىنى تەكشىلىگەندىن كېيىن، قاراكۆز بەدىياننى تاشلاپ، زىرىنى چېچىپ، بۇغداينى تاپلاردا سېلىپ، ئارپىنى تېرىشقا بېكىتىلگەن جايغا، قارا بۇغداينى ئېتىز قىرلىرىغا تېرىمامدۇ؟
26چۈنكى ئۇنىڭ خۇداسى ئۇنى توغرا ھۆكۈم قىلىشقا نەسىھەت قىلىدۇ، ئۇ ئۇنىڭغا ئۆگىتىدۇ.
27بەرھەق، قاراكۆز بەدىيان چىشلىق تىرنا بىلەن تېپىلمەيدۇ؛ تۇلۇق زىرە ئۈستىدە ھەيدەلمەيدۇ؛ بەلكى قاراكۆز بەدىيان بولسا قامچا بىلەن سوقۇلىدۇ، زىرە بولسا تۆمۈر‫‪‎-‎‬‬تاياق بىلەن ئۇرۇلۇپ دان ئاجرىتىلىدۇ.
28ئۇن تارتىشقا داننى ئېزىش كېرەك، ئەمما دېھقان ئۇنى مەڭگۈگە تېپېۋەرمەيدۇ؛ ئۇ ھارۋا چاقلىرى ياكى ئات تۇياقلىرى بىلەن ئۇنى مەڭگۈگە تېپېۋەرمەيدۇ؛
29مۇشۇ ئىشمۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن كېلىدۇ؛ ئۇ نەسىھەت بېرىشتە كارامەت، دانالىقتا ئۇلۇغدۇر.