1ئى ئۆزۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنمىغان، باشقىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى، باشقىلار ساڭا ئاسىيلىق قىلمىغان، ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلغۇچى، سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي! سەن بۇلاڭ-تالاڭنى بولدى قىلىشىڭ بىلەن، ئۆزۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىسەن؛ سەن ئاسىيلىقنى بولدى قىلىشىڭ بىلەن، ئۆزۈڭ ئاسىيلىققا ئۇچرايسەن؛
2ئى پەرۋەردىگار، بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ بىز سېنى ئۈمىد بىلەن كۈتۈپ كەلدۇق؛ ئۆتۈنىمىزكى، سەن ھەر سەھەر ئىسرائىلغا كۈچلۈك بىلەك-قول، قىيىنچىلىق پەيتلىرىدە نىجاتىمىز بولغايسەن.
3توپ-توپ ئادەملەرنىڭ غوۋغا-چۇقانلىرىدىن خەلقلەر بەدەر قاچىدۇ؛ سەن خۇدا قەددىڭنى تىك قىلىشىڭ بىلەن ئەللەر پىتىراپ كېتىدۇ؛
4چېكەتكە لىچىنكىلىرى ئوت-كۆكلەرنى يىغىپ يەۋالغاندەك، سىلەرگە بېكىتىپ بېرىلگەن ئولجا يىغىۋېلىنىدۇ؛ چېكەتكىلەر ئۇيان-بۇيان يۈگۈرگەندەك ئادەملەر ئولجا ئۈستىدە ئۇيان-بۇيان يۈگۈرۈشىدۇ.
5پەرۋەردىگار ئۈستۈن تۇرىدۇ، بەرھەق، ئۇنىڭ تۇرالغۇسى يۇقىرىدىدۇر؛ ئۇ زىئونغا ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق تولدۇردى؛
6ئۇ بولسا كۈنلىرىڭلارنىڭ تىنچ-ئامانلىقى، نىجاتلىق، دانالىق ۋە بىلىمنىڭ بايلىقلىرى بولىدۇ؛ پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن گۆھەردۇر.
7مانا، ئۇلارنىڭ پالۋانلىرى سىرتتا تۇرۇپ نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ سۈلھ-ئەھدە تۈزگەن ئەلچىلەر قاتتىق يىغلىشىدۇ؛
8يوللار ئادەمسىز قالدى؛ ئۆتكۈنچى يولچىلار يوق بولدى؛ ئۇ ئەھدىنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ شەھەرلەرنى كۆزىگە ئىلمايدۇ، ئادەملەرنى ھېچ ئەتىۋارلىمايدۇ.
9زېمىن ماتەم تۇتىدۇ، زەئىپلىشىدۇ؛ لىۋان خىجالەتتىن سولىشىدۇ؛ شارون چۆل-باياۋانغا ئايلاندى؛ باشان ۋە كارمەل بولسا قىرىپ تاشلاندى.
10مانا ھازىر ئورنۇمدىن تۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ھازىر ئۆزۈمنى ئۈستۈن كۆرسىتىمەن، ھازىر قەددىمنى كۆتۈرىمەن.
11ــ سىلەرنىڭ بويۇڭلاردا قۇرۇق ئوت-چۆپلا بار، پاخال تۇغىسىلەر؛ ئۆز نەپەسلىرىڭلار ئوت بولۇپ ئۆزۈڭلارنى يۇتۇۋېتىدۇ؛
12ئەللەر بولسا ھاك كۆيدۈرۈلگەندەك كۆيدۈرىلىدۇ؛ ئورۇلغان جىغان-تىكەنلەردەك ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ.
13ــ ئى يىراقتىكىلەر، مېنىڭ قىلغانلىرىمنى ئاڭلاڭلار؛ يېقىندىكىلەر، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمنى تونۇپ يېتىڭلار.
14زىئوندىكى گۇناھكارلار قورقىدۇ؛ ۋەھىمە ئىپلاسلارنى بېسىۋالىدۇ. ئۇلار: «ئارىمىزدىكى كىم مەڭگۈلۈك يۇتقۇر ئوت بىلەن بىللە تۇرىدۇ؟ كىم ئەبەدىلئەبەد يالقۇنلار بىلەن بىر ماكاندا بولىدۇ؟» ــ دەيدۇ.
15ــ «ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدىغان، دۇرۇس-لىللا گەپ قىلىدىغان، زالىملىقتىن كەلگەن ھارام پايدىغا نەپرەتلىنىدىغان، پارىلارنى سۇنغۇچىلارنى قولىنى پۇلاڭشىتىپ رەت قىلىدىغان، قاننىڭ گېپى بولسىلا قۇلىقىنى يوپۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان، پەسلىك-رەزىللىككە قاراشنى رەت قىلىپ، كۆزىنى قاچۇرىدىغان؛
16ئۇ يۇقىرىنى ماكان قىلىدۇ؛ قورام تاشلار ئۇنىڭ قورغىنى بولۇپ، يۇقىرى ئۇنىڭ باشپاناھى بولىدۇ؛ ئۆز رىسقى ئۇنىڭغا بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ سۈيى كاپالەتلىك بولىدۇ».
17ــ «كۆزلىرىڭ پادىشاھنى گۈزەللىكىدە كۆرىدۇ؛ كۆزلىرىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان زېمىنغا نەزەر سالىدۇ.
18كۆڭلۈڭ ۋەھىمە توغرىسىدا چوڭقۇر ئويغا پاتىدۇ؛ رويخەتچى بەگ قېنى؟ ئولجىنى ئۆلچەيدىغان تارازىچى بەگ قېنى؟ ئىستىھكام-مۇنارلارنى سانىغۇچى بەگ قېنى؟
19قايتىدىن ئەشەددىي خەلقنى كۆرمەيسەن، ــ سەن ئاڭقىرالمايدىغان، بوغۇزىدا سۆزلەيدىغان، دۇدۇقلاپ گەپ قىلىدىغان، گېپىنى چۈشىنەلمەيدىغان بىر خەلقنى ئىككىنچى كۆرمەيسەن.
20ئىبادەت ھېيتلىرىمىز ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەر زىئونغا قارا؛ سېنىڭ كۆزۈڭ يېرۇسالېمنىڭ تىنچ-ئامان ماكان بولغانلىقىنى، قوزۇقلىرى ھەرگىز يۇلۇنمايدىغان، تانىلىرى ھەرگىز ئۈزۈلمەيدىغان، ئىككىنچى يۆتكەلمەيدىغان چېدىر بولغانلىقىنى كۆرىدۇ؛
21شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بىزگە كۆرۈنىدۇ، ــ ئۇ ئۆزى دەريالار، كەڭ ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر جاي بولىدۇ؛ پالاقلار بىلەن ھەيدەلگەن ھېچقانداق كېمە ئۇ جايدا قاتنىمايدۇ، ۋە ياكى ھېچ ھەيۋەتلىك كېمە ئۇ جايدىن ئۆتمەيدۇ؛
22چۈنكى پەرۋەردىگار بىزنىڭ نىجاتكار-ھاكىمىمىز، پەرۋەردىگار بىزگە قانۇن بەرگۈچىدۇر، پەرۋەردىگار ــ بىزنىڭ پادىشاھىمىز، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ!
23سېنىڭ تانا-ئارغامچىلىرىڭ بوشىغان بولسىمۇ، ئىسرائىل يەلكەن خادىسىنىڭ تۇرۇمىنى مۇستەھكەم قىلالمىسىمۇ، يەلكەننى يېيىپ چىقىرالمىسىمۇ، ئۇ چاغدا زور بىر ئولجا ئۈلەشتۈرۈلىدۇ؛ ھەتتا ئاقساق-توكۇرلارمۇ ئولجىنى ئالىدۇ.
24شۇ چاغدا شۇ يەردە تۇرغۇچى: «مەن كېسەل» دېمەيدۇ؛ شۇ جاينى ماكان قىلغان خەلقنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.