1پەرۋەردىگار ماڭا: ــ «چوڭ بىر تاختاينى قولۇڭغا ئېلىپ، ئېنىق ھەرپلەر بىلەن: ــ «ماخار-شالال-خاش-باز» دەپ يازغىن» ــ دېدى.
2مەن شۇنداق قىلىپ ئۆزۈمگە «ئىشەنچلىك گۇۋاھچىلار» سۈپىتىدە مۇشۇنى خاتىرىلەشكە كاھىن بولغان ئۇرىيا ۋە يەرەبەقىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيانى چاقىرىۋالدىم.
3ئاندىن مەن ئايال پەيغەمبەر بىلەن بىللە ياتتىم. شۇنداق قىلىپ ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا: ــ «ئۇنىڭ ئىسمىنى «ماخار-شالال-خاش-باز» دەپ ئاتىغىن؛
4چۈنكى بالا «دادا، ئاپا» دەپ چاقىرىشنى بىلگۈچە، دەمەشق بايلىقلىرى ۋە سامارىيەدىكى ئولجا ئاسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن بۇلاپ ئېلىپ كېتىلىدۇ» ــ دېدى.
5پەرۋەردىگار يەنە ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
6«مۇشۇ خەلق شىلوئاھ ئۆستىڭىدىكى لەرزان ئېقىۋاتقان سۇلارنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىدا رەزىن ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلىدىن خۇرسەن بولغاچقا،
7شۇڭا مانا، رەب ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دولقۇنلاپ ئاقىدىغان، ئەلۋەك ئەفرات دەرياسىنىڭ سۇلىرىنى، ــ يەنى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىنى تولۇق ھەيۋە-شۆھرىتى بىلەن ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئۇ دەريادەك بارلىق ئېرىق-ئۆستەڭلىرىدىن تېشىپ كېتىدۇ، ھەممە قىرغاقلىرىنى بۆسۈپ تاشلايدۇ؛
8ئۇ تاكى يەھۇداغىچە شىددەت بىلەن تېشىپ، ھەتتا بوينىغىچە كېلىدۇ؛ ئۇ قاناتلىرىنى يايغاندا پۈتكۈل زېمىنىڭغا سايە بولۇپ چۈشىدۇ، ئى ئىممانۇئېل!
9ــ غەزەپلىنىۋېرىڭلار، ئى ئەللەر، بىراق سۇندۇرۇلىسىلەر! جاھاننىڭ بارلىق چەت جايلىرى قۇلاق سېلىڭلار! جەڭ ئۈچۈن بېلىڭلارنى باغلاۋېرىڭلار، سۇندۇرۇلىسىلەر! جەڭ ئۈچۈن بېلىڭلارنى باغلاۋېرىڭلار، سۇندۇرۇلىسىلەر!
10پىلانىڭلارنى تۈزىۋېرىڭلار، ئۇ بىكارغا كېتىدۇ؛ مەسلىھەتىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار، ئۇمۇ ئاقمايدۇ؛ سەۋەبى ــ ئىممانۇئېل!».
11چۈنكى پەرۋەردىگار كۈچلۈك قولىنى ماڭا تەگكۈزۈپ، مېنىڭ بۇ خەلقنىڭ يولىدا ماڭماسلىقىمغا يوليورۇق بېرىپ، مۇنداق سۆز قىلدى: ــ
12«مۇشۇ كىشىلەر كۆپ ئىشلاردا «سۇيىقەست بار» دېسە، سىلەر بولساڭلار «سۇيىقەست بار» دەپ يۈرمەڭلار؛ ئۇلارنىڭ قورققىنىدىن سىلەر قورقماڭلار، ياكى ھېچ ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار؛
13پەقەت ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىلا ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار؛ ئۇ سىلەرنىڭ قورقىدىغىنىڭلار بولسۇن، سىلەرنىڭ ۋەھىمەڭلار بولسۇن!
14ئۇ بىر مۇقەددەس پاناھگاھ بولىدۇ، ھەمدە ئىسرائىلدىكى ئىككى جەمەت ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش، يېرۇسالېمدىكىلەر ئۈچۈنمۇ قىلتاق ۋە تاپانتۇزاق بولىدۇ؛
15ئۇلاردىن كۆپلەر ئۇنىڭغا پۇتلىشىپ، يىقىلىپ، يانجىلىپ، قىلتاققا چۈشۈپ، ئەسىرگە ئېلىنىدۇ».
16ــ «بۇ گۇۋاھنامىنى يۆگەپ، تەۋرات قانۇنىنى مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئارىسىدا پېچەتلەپ قويغىن.
17مەن بولسام، يۈزىنى ياقۇپ جەمەتىدىن يوشۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنى كۈتىمەن؛ ۋە مەن ئۇنى تەلمۈرۈپ ساقلايمەن.
18قاراڭلار، ماڭا ۋە پەرۋەردىگار ماڭا بەرگەن بالىلارغا، بىز زىئون تېغىنى ئۆز ماكانى قىلغان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئىسرائىلدا نامايان قىلغان بېشارەت ۋە كارامەتلەرنىڭ سۈپىتىدۇرمىز».
19ــ باشقىلار سىلەرگە: ــ «بىز ۋىچىر-ۋىچىر، گۇدۇڭ-گۇدۇڭ قىلىدىغان «ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچى»لار ۋە داخانلاردىن يول سورايلى» ــ دېسە، سىلەر جاۋاب بېرىپ: ــ «بىر خەلقنىڭ ئۆز خۇداسىنى ئىزدەپ يول سورىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ تىرىكلەرنىڭ ئۆلۈكلەردىن يول سورىشى توغرىمۇ؟!» ــ دەڭلار.
20ــ تەۋرات قانۇنى ۋە گۇۋاھنامە ئاساس قىلىنسۇن! مۇشۇلارنى ئاساس قىلىپ سۆز قىلمىسا، ئۇلارغا تاڭ نۇرى چۈشمەيدۇ!
21ئەكسىچە، ئۇلار قىسىلغان، ئاچ ھالدا زېمىننى كېزىپ يۈرىشىدۇ؛ ئاچ قالغان چاغدا، ئۇلار غەزەپلىنىپ ئاسمانغا قاراپ، پادىشاھىنى ھەم خۇداسىنى قارغاپ تىللايدۇ؛
22ئۇلار يەرگە قارىسا، مانا، جاپا-مۇشەققەت، قاراڭغۇ-زۇلمەت، ھەسرەت-نادامەت ۋە پاراكەندىچىلىك تۇرىدۇ؛ ئۇلار قاپ-قاراڭغۇلۇققا ھەيدىۋېتىلىدۇ.