Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشايا

يەشايا 62

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ــ «تاكى زىئوننىڭ ھەققانىيلىقى جۇلالىنىپ چاقناپ چىققۇچە، ئۇنىڭ نىجاتى لاۋۇلداۋاتقان مەشئەلدەك چىققۇچە، زىئون ئۈچۈن ھېچ ئارام ئالمايمەن، يېرۇسالېم ئۈچۈن ھەرگىز سۈكۈت قىلمايمەن؛
2ھەم ئەللەر سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى، بارلىق پادىشاھلار شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىڭنى كۆرىدۇ؛ ھەم سەن پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن ساڭا قويىدىغان يېڭى بىر ئىسىم بىلەن ئاتىلىسەن،
3شۇنداقلا سەن پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا تۇرغان گۈزەل بىر تاج، خۇدايىڭنىڭ قولىدىكى شاھانە باش چەمبىرىكى بولىسەن.
4سەن ئىككىنچى‫‪:‬‬ «ئاجراشقان، تاشلىۋېتىلگەن» دەپ ئاتالمايسەن، زېمىنىڭ ئىككىنچى‫‪:‬‬ «ۋەيران قىلىپ تاشلىۋېتىلگەن» دەپ ئاتالمايدۇ؛ بەلكى سەن‫‪:‬‬ «مېنىڭ خۇشاللىقىم دەل ئۇنىڭدا!»، دەپ ئاتىلىسەن، ھەم زېمىنىڭ‫‪:‬‬ «نىكاھلانغان» دەپ ئاتىلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سەندىن خۇشاللىق ئالىدۇ، زېمىنىڭ بولسا ياتلىق بولىدۇ.
5چۈنكى يىگىت قىزغا باغلانغاندەك، ئوغۇللىرىڭ ساڭا باغلىنىدۇ؛ توي يىگىتى قىزدىن شادلانغاندەك، خۇدايىڭ سېنىڭدىن شادلىنىدۇ.
6مەن سېپىللىرىڭدا كۆزەتچىلەرنى بېكىتىپ قويدۇم، ئى يېرۇسالېم، ئۇلار كۈندۈزمۇ ھەم كېچىسىمۇ ئارام ئالمايدۇ؛ ئى پەرۋەردىگارنى ئەسلەتكۈچى بولغانلار، سۈكۈت قىلماڭلار!
7ئۇ يېرۇسالېمنى تىكلىگۈچە، ئۇنى يەر‫‪‎-‎‬‬جاھاننىڭ ئوتتۇرىسىدا رەھمەت‫‪‎-‎‬‬مەدھىيىلەرنىڭ سەۋەبى قىلغۇچە، ئۇنىڭغا ھېچ ئارام بەرمەڭلار!».
8پەرۋەردىگار ئوڭ قولى ھەم ئۆز كۈچى بولغان بىلىكى بىلەن مۇنداق قەسەم ئىچتى‫‪:‬‬ ــ «مەن زىرائەتلىرىڭنى دۈشمەنلىرىڭگە ئوزۇق بولۇشقا ئىككىنچى بەرمەيمەن؛ جاپا تارتىپ ئىشلىگەن يېڭى شارابنىمۇ ياتلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىككىنچى ئىچمەيدۇ؛
9زىرائەتلەرنى ئورۇپ يىغقانلار ئۆزلىرىلا ئۇنى يەپ پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەيدۇ؛ ئۈزۈملەرنى ئۈزگەنلەر مۇقەددەس ئۆيۈمنىڭ سەينالىرىدا ئۇلاردىن ئىچىدۇ».
10ــ ئۆتۈڭلار، دەرۋازىلاردىن ئۆتۈڭلار! خەلقنىڭ يولىنى تۈز قىلىپ تەييارلاڭلار! يولنى كۆتۈرۈڭلار، كۆتۈرۈڭلار؛ تاشلارنى ئېلىپ تاشلىۋېتىڭلار؛ خەلق‫‪‎-‎‬‬مىللەتلەر ئۈچۈن يول كۆرسىتىدىغان بىر تۇغنى كۆتۈرۈڭلار.  
11مانا، پەرۋەردىگار جاھاننىڭ چەت‫‪‎-‎‬‬ياقىلىرىغا مۇنداق دەپ جاكارلىدى‫‪:‬‬ ــ زىئون قىزىغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن‫‪:‬‬ ــ «قارا، سېنىڭ نىجات‫‪‎-‎‬‬قۇتۇلۇشۇڭ كېلىۋاتىدۇ! قارا، ئۇنىڭ ئۆزى ئالغان مۇكاپىتى ئۆزى بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنئامى ئۆزىگە ھەمراھ بولىدۇ.
12ۋە خەقلەر ئۇلارنى‫‪:‬‬ «پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس خەلق»، «پەرۋەردىگار ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغانلار» دەيدۇ؛ سەن بولساڭ‫‪:‬‬ «ئىنتىلىپ ئىزدەلگەن»، «ھېچ تاشلىۋېتىلمىگەن شەھەر» دەپ ئاتىلىسەن.