1ئالامەت كۆرۈنۈش بېرىلگەن جىلغا توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ سىلەر ھەممىڭلار ئۆگزىلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغىنىڭلار زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟
2سىلەر خۇشاللىق دەبدەبىسىنى كۆتۈرىدىغان، ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان يۇرت، شادلىنىدىغان شەھەر؛ سىلەردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر قىلىچ بىلەن چېپىلغان ئەمەس، ياكى جەڭلەردە ئۆلگەن ئەمەس؛
3ئەمىرلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا قېچىشتى؛ ئۇلار ئوقياسىز ئەسىر بولدى؛ يىراققا قاچقان بولسىمۇ، سىلەردىن تېپىۋېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ئەسىر بولدى.
4شۇڭا مەن: ــ «نەزىرىڭلارنى مېنىڭدىن ئېلىڭلار؛ مېنى قاتتىق يىغلاشقا قويۇڭلار؛ خەلقىمنىڭ بۇلىنىپ كېتىشى توغرۇلۇق ماڭا تەسەللى بېرىشكە ئالدىراپ ئۆزۈڭلارنى ئۇپراتماڭلار» ــ دېدىم.
5چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگاردىن «ئالامەت كۆرۈنۈش بېرىلگەن جىلغا»نىڭ بېشىغا بىر كۈن چۈشىدۇ، ئۇ بولسا ئاۋارىچىلىك بولىدىغان، ئاياغ ئاستى قىلىنىپ پېتىقدىلىدىغان، ئادەملەر قايمۇقتۇرۇلىدىغان، سېپىل سوقۇلۇپ چېقىلىدىغان، تاغلارغا قاراپ يالۋۇرۇپ چىرقىرايدىغان بىر كۈنى بولىدۇ.
6ئېلام جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئادەملىرى بىلەن، ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن ئوقداننى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، كىر بولسا قالقاننى ئېچىپ تەييار قىلىدۇ.
7ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئەڭ گۈزەل جىلغىلىرىڭ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن تولۇپ كېتىدۇ، ئاتلىق ئەسكەرلەر دەرۋازاڭ ئالدىدا سەپ تارتىپ تۇرىدۇ.
8ئۇلار يەھۇدانىڭ ئۈستىدىكى قالقاننى ئېلىپ تاشلايدۇ؛ بىراق سەن زىئون شۇ كۈنىدە «ئورمان سارايى»دىكى قوراللارغا ئۈمىد باغلىغانسەن؛
9سىلەر داۋۇتنىڭ شەھىرىنىڭ بۆسۈلگەن جايلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، پەستىكى كۆلچەك سۇلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ سۇ ئامبىرى قىلدىڭلار؛
10يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەرنى ساناپ، ئۇلاردىن بەزىلىرىنى بۇزۇپ سېپىلنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتتىڭلار،
11شۇنداقلا كونا كۆلچەكتىكى سۇلارنى ئىككى سېپىل ئوتتۇرىسىغا يىغىپ ئامبار قىلدىڭلار؛ بىراق مۇشۇلارنى ياراتقۇچىغا ھېچ قارىمىدىڭلار، بۇرۇندىن بۇرۇن بۇلارنى شەكىللەندۈرۈپ بېكىتكۈچىگە ھېچ ئۈمىد باغلىمىدىڭلار!
12شۇ كۈنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار سىلەرنى يىغلاپ ماتەم تۇتۇشقا، چاچنى چۈشۈرۈپ پاينەكباش بولۇشقا، بۆز كىيىم كىيىشكە مۇراجىئەت قىلدى.
13بىراق بۇلارنىڭ ئورنىدا، مانا خۇشاللىق ۋە شادلىق، كالىلارنى سويۇش، قويلارنى بوغۇزلاش، گۆشلەرنى يېيىش، شارابلارنى ئىچىش، «يەيلى، ئىچەيلى، چۈنكى ئەتە دۇنيادىن كېتىمىز» ــ دېيىشلەر بولدى!
14ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قۇلىقىمغا ئايان قىلىندىكى، «بەرھەق، مۇشۇ گۇناھ سىلەر ئۆلمىگۈچە كەچۈرۈلمەيدۇ» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار.
15ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار مانا شۇنداق دەيدۇ: ــ «بارغىن، مۇشۇ غوجىدار، ئوردىنى باشقۇرىدىغان مۇشۇ شەبنانىڭ يېنىغا كىرگىن، ئۇنىڭغا: ــ
16ساڭا مۇشۇ يەردە نېمە بار؟ ياكى مۇشۇ يەردە كىمىڭ بار؟ بىرسى ئېگىزلىككە ئۆزى ئۈچۈن بىر گۆر قازغاندەك، ئۆزى قورام تاشتىن بىر قونالغۇنى يونۇغاندەك، ئۆزۈڭ ئۈچۈن بىر گۆر كولىدىڭمۇ؟
17مانا ھەي پالۋان، پەرۋەردىگار سېنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىپ، چىڭ سىقىمداپ،
18ئاندىن پومداقتەك سېنى بىپايان، يىراق بىر زېمىنغا تاشلىۋېتىدۇ. سەن ئاشۇ يەردە ئۆلىسەن، ھەم ئاشۇ يەردە ھەيۋەتلىك جەڭ ھارۋىلىرىڭمۇ قالىدۇ، ئى غوجاڭنىڭ جەمەتىگە شەرمەندىلىك كەلتۈرگۈچى!
19مەن سېنى مەنسىپىڭدىن ئېلىۋېتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سېنى ئورنۇڭدىن چۈشۈرىۋېتىمەن.
20شۇ كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇكى، مەن ھىلقىيانىڭ ئوغلى ئۆز قۇلۇم بولغان ئېلىئاكىمنى چاقىرىمەن؛
21سېنىڭ تونۇڭنى كىيدۈرىمەن، سېنىڭ پوتاڭ بىلەن ئۇنىڭ بېلىنى چىڭ قىلىمەن؛ ھۆكۈمرانلىقىڭنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرۇسالېمدىكىلەرگە ۋە يەھۇدا جەمەتىگە ئاتا بولىدۇ.
22داۋۇت جەمەتىنىڭ ئاچقۇچىنى مەن ئۇنىڭ مۈرىسىدە قويىمەن؛ ئۇ ئاچسا، ھېچكىم ئېتەلمەيدۇ، ئەتسە، ھېچكىم ئاچالمايدۇ.
23مەن ئۇنى مۇقىم بىر جايغا قوزۇق قىلىپ بېكىتىمەن؛ ئۇ بولسا ئاتىسىنىڭ جەمەتى ئۈچۈن شەرەپلىك ھوقۇق-تەخت بولىدۇ؛
24خەلق ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتىسىنىڭ جەمەتىنىڭ بارلىق شۆھرەتلىرىنى يۈكلەيدۇ؛ يەنى بارلىق ئۇرۇق-نەسىللىرىنى، بارلىق كىچىك قاچا-قۇچىلارنى، پىيالە-جاملاردىن تارتىپ بارلىق كۈپ-ئىدىشلارغىچە ئاسىدۇ.
25شۇ كۈنىدە ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ مۇقىم جايغا بېكىتىلگەن قوزۇق بولسا، ئېگىلىپ كېتىدۇ ۋە كېسىپ تاشلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېسىلغان يۈكلەر ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»، ــ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنىدى.