Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشايا

يەشايا 5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1مەن ئۆز سۆيگەن يارىمغا، مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئۈچۈن ئۆز ئۈزۈمزارى توغرۇلۇق بىر كۈي ئېيتىپ بېرەي؛ سۆيۈملۈكۈمنىڭ مۇنبەت بىر دۆڭ ئۈستىدە ئۈزۈمزارى بار ئىدى؛
2ئۇ ھەممە يېرىنى كولاپ تاشلارنى ئېلىپ تاشلىدى، ئەڭ ئېسىل ئۈزۈم تېلى تىكتى؛ ئۇ ئۈزۈمزار ئوتتۇرىسىغا كۆزىتىش مۇنارى سالدى، ئۈزۈمزار ئىچىدىمۇ شاراپ كۆلچىكى قازدى، ئاندىن ئۈزۈمدىن ياخشى ھوسۇل كۈتتى؛ بىراق بۇنىڭ ئورنىغا، ئۈزۈمزار ئاچچىق ئۈزۈملەرنىلا بەردى.
3قېنى، ئى يېرۇسالېمدىكىلەر ۋە يەھۇدانىڭ ئادەملىرى، مەن بىلەن ئۈزۈمزارىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ھۆكۈم چىقىرىڭلار!
4مېنىڭ ئۈزۈمزارىمدا قىلغۇدەك يەنە نېمە ئىشىم قالدى؟ ياخشى ئۈزۈملەرنى كۈتكىنىمدە، نېمىشقا پەقەت ئاچچىق ئۈزۈمنىلا چىقىرىپ بەردى؟
5ئەمدى ھازىر ئۆز ئۈزۈمزارىمنى نېمە قىلىدىغىنىمنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي‫‪:‬‬ ــ ئۇنىڭ چىتلاقلىرىنى ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇ يۇتۇۋېتىلىدۇ؛ ئۇنىڭ تاملىرىنى چېقىپ غۇلىتىمەن، ئۇ چەيلىنىدۇ.  
6مەن ئۇنى چۆللۈككە ئايلاندۇرىمەن؛ ھېچكىم ئۇنى چاتاپ‫‪‎-‎‬‬پۇتاپ، پەرۋىش قىلمايدۇ؛ جىغانلار ۋە تىكەنلەر ئۇنىڭدا ئۆسۈپ چىقىدۇ؛ بۇلۇتلارغا ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچ يامغۇر ياغدۇرماڭلار دەپ بۇيرۇيمەن.
7چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۈزۈمزارى ــ ئىسرائىل جەمەتى، ئۇنىڭ خۇشاللىقى بولغان ئۆسۈملۈك بولسا ــ يەھۇدادىكىلەردۇر؛ ئۇ ئادالەت مېۋىسىنى كۈتكەن، بىراق مانا ئەمدى زۇلۇم كۆردى؛ ھەققانىيلىقنى كۈتكەن، بىراق مانا ئەمدى نالە‫‪‎-‎‬‬پەرياد بولدى!  
8خەقلەرگە ھېچ ئورۇن قالدۇرماي ئۆينى‫‪‎-‎‬‬ئۆيگە، ئېتىزنى‫‪‎-‎‬‬ئېتىزغا ئۇلىغانلارغا ۋاي! ئۆزۈڭلارنى يالغۇز زېمىندا قالدۇرماقچىمۇسىلەر؟
9ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مېنىڭ قۇلىقىمغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «كۆپلىگەن ئۆيلەر، دەرۋەقە ھەيۋەتلىك، ھەشەمەتلىك ئۆيلەر ئادەمزاتسىز، خاراب بولىدۇ.
10بەرھەق، قىرىق مولۇق ئۈزۈمزار پەقەت ئالتە كۈپ شاراب بېرىدۇ، ئوتتۇز كۈرە دان بولسا پەقەت ئۈچ كۈرە ھوسۇل بېرىدۇ.
11مەي ئىچىشكە ئالدىراپ تاڭ ئاتقاندا ئورنىدىن تۇرغانلارغا، قاراڭغۇ چۈشىشىگە قارىماي، شارابتىن كەيپ بولغۇچە بېسىپ ئولتۇرغانلارغا ۋاي!
12ئۇلارنىڭ زىياپەتلىرىدە چىلتار ۋە لىرا، تەمبۇر ۋە نەي، شارابمۇ بار؛ بىراق ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىغا ۋە قول ئىشلىرىغا ھېچ ئېتىۋار قىلمايدۇ.
13شۇ سەۋەبتىن ئۆز خەلقىم بىلىمدىن خەۋەرسىز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ؛ ئېسىلزادىلىرى ئېچىرقىشىپ، پۇقرالىرى ئۇسسۇزلۇقتىن قۇرۇپ كېتىدۇ.
14شۇڭا تەھتىسارا نەپسىنى يوغىنىتىپ، ئاغزىنى ھاڭ ئاچىدۇ؛ ئۇلارنىڭ شۆھرەتلىرى، توپ‫‪‎-‎‬‬توپ ئادەملىرى، قىقاس‫‪‎-‎‬‬سۈرەن كۆتۈرگۈچىلىرى ۋە نەغمە ئوينىغۇچىلىرى بىراقلا ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.
15پۇقرالار ئېگىلدۈرۈلىدۇ، مۆتىۋەرلەرمۇ تۆۋەن قىلىنىدۇ، تەكەببۇرلارنىڭ كۆزلىرى يەرگە قارىتىلىدۇ؛
16بىراق ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئادالەت يۈرگۈزگىنىدە ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلىنىدۇ، پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس بولغۇچى تەڭرى ھەققانىيلىقىدىن پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس دەپ بىلىنىدۇ.
17شۇ چاغدا قوزىلار ئۆز يايلاقلىرىدا تۇرغاندەك ئوتلايدۇ، مۇساپىرلارمۇ بايلارنىڭ ۋەيرانە ئۆيلىرىدە ئوزۇقلىنىدۇ.  
18قەبىھلىكنى ئالدامچىلىقنىڭ يىپلىرى بىلەن، گۇناھنى ھارۋا ئارغامچىسى بىلەن تارتقانلارغا ۋاي!

19يەنى‫‪:‬‬ «خۇدا ئالدىرىسۇن! ئىشلىرىنى ئۆزى ئىتتىكرەك ئادا قىلسۇن، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى كۆرەلەيمىز! «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»نىڭ نىيەت قىلغىنى يېقىنلىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلغاي، بىز ئۇنى بىلىۋالايلى!» ــ دېگەنلەرگە ۋاي!
20ياماننى ياخشى، ياخشىنى يامان دېگۈچىلەرگە، قاراڭغۇلۇقنى نۇرنىڭ، نۇرنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئورنىغا قويغۇچىلارغا، ئاچچىقنى تاتلىقنىڭ، تاتلىقنى ئاچچىقنىڭ ئورنىغا قويغۇچىلارغا ۋاي!
21ئۆزلىرىنى دانا دەپ چاغلىغانلارغا، ئۆز نەزىرىدە ئۆزلىرىنى ئەقىللىق دەپ قارىغانلارغا ۋاي!
22شاراب ئىچىشكە باتۇر بولغانلارغا، ھاراقنى ئەبجەش قىلىشتا قەھرىمان بولغانلارغا،
23يەنى پارا ئۈچۈن رەزىللەرنى ئاقلاپ، شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيلارنىڭ ئادالىتىنى رەت قىلغۇچىلارغا ۋاي!
24شۇڭا، ئوت يالقۇنلىرى سامانلارنى يۇتۇۋەتكەندەك، يالقۇنلاردا مەڭگەنلەر سولىشىپ يوقالغاندەك، ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى چىرىپ كېتىدۇ، گۈل‫‪‎-‎‬‬چېچەكلىرى چاڭ‫‪‎-‎‬‬توزاڭدەك توزۇپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇق‫‪‎-‎‬‬قانۇنىنى چەتكە قاققان، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى كۆزگە ئىلمىغانىدى.
25شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۆز خەلقىگە قاراپ قاينايدۇ، ئۇ ئۇلارغا قاراپ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۇرۇپ يىقىتىدۇ. تاغلار تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ ئۆلۈكلەر ئەخلەتلەردەك كوچىلار ئوتتۇرىسىدا دۆۋە‫‪‎-‎‬‬دۆۋە بولىدۇ. مۇشۇنداق ئىشلار بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ.
26ئۇ يىراقتىكى ئەللەرنى چاقىرىپ تۇغنى كۆتۈرىدۇ، ئۇ يەر يۈزىنىڭ چەت ياقىسىدىن بىر ئەلنى ئۈشقىرىتىپ چاقىرىدۇ؛ مانا ئۇلار تېزدىن ئالدىراپ كېلىدۇ!
27ئۇلاردىن ھېچبىرى چارچاپ كەتمەيدۇ، پۇتلىشىپمۇ كەتمەيدۇ. ھېچبىرى مۈگدىمەيدۇ، ئۇخلىمايدۇ، باغلىغان بەلۋاغلىرىدىن ھېچبىرى بوشىمايدۇ، چورۇقلىرىنىڭ بوغقۇچلىرىدىن ھېچبىرى ئۈزۈلمەيدۇ؛
28ئۇلارنىڭ ئوقلىرى ئىتتىك، بارلىق ئوقيالىرىنىڭ كىرىچلىرى تارتىلىپ تەييار تۇرىدۇ، ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى چاقماق تېشىدەك بولىدۇ، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى قويۇنتازدەك ئايلىنىدۇ؛
29ئۇلارنىڭ ھۆركىرەشلىرى شىرنىڭكىدەك بولىدۇ، ئۇلار ئارسلانلاردەك ھۆركىرىشىدۇ، دەرۋەقە، ئۇلار ئوۋغا ئېرىشكەندە غاژ‫‪‎-‎‬‬غۇژ قىلىپ ھۆرپىيىشىدۇ؛ ئوۋنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچكىم بولماي، ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېتىدۇ.
30شۇ كۈنى ئۇلار دېڭىزلار ھۆركۈرىگەندەك ئوۋغا ھۆركىرىشىدۇ؛ ئەگەر بىرەرسى يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىنغا قارىغۇدەك بولسا، پەقەت قاراڭغۇلۇق، دەرد‫‪‎-‎‬‬ئەلەمنىلا كۆرىدۇ! ھەرقانداق نۇر بۇلۇت‫‪‎-‎‬‬تۇمان تەرىپىدىن غۇۋالىشىدۇ.