1«بوزراھ شەھىرىدىن چىققان، ئۈستىبېشى قېنىق قىزىل رەڭلىك، كىيىم-كېچەكلىرى قالتىس-كارامەت، زور كۈچ بىلەن قول سېلىپ مېڭىۋاتقان، ئېدومدىن مۇشۇ يەرگە كېلىۋاتقۇچى كىم؟» «ھەققانىيلىق بىلەن سۆزلىگۈچى مەن، قۇتقۇزۇشقا كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولغۇچىدۇرمەن».
2«ئۈستىبېشىڭدىكىسى نېمىشقا قىزىل، قانداقسىگە كىيىم-كېچەكلىرىڭ شاراب كۆلچىكىنى چەيلىگۈچىنىڭكىگە ئوخشاپ قالدى؟».
3«مەن يالغۇز شاراب كۆلچىكىنى چەيلىدىم؛ بار ئەل-يۇرتلاردىن ھېچكىم مەن بىلەن بىللە بولغىنى يوق؛ مەن ئۇلارنى غەزىپىمدە چەيلىدىم، قەھرىمدە ئۇلارنى دەسسىۋەتتىم؛ ئۇلارنىڭ قانلىرى كىيىم-كېچەكلىرىم ئۈستىگە چاچرىدى؛ مېنىڭ پۈتۈن ئۈستىبېشىم بويالدى؛
4چۈنكى قەلبىمگە قىساس كۈنى پۈكۈلگەنىدى، شۇنداقلا مەن ھەمجەمەتلىرىمنى قۇتقۇزىدىغان يىل كەلدى؛
5مەن قارىسام، ياردەم قىلغۇدەك ھېچكىم يوق ئىدى؛ ھېچكىمنىڭ قوللىمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئازابلىنىپ كۆڭلۈم پاراكەندە بولدى؛ شۇڭا ئۆز بىلىكىم ئۆزۈمگە نىجات كەلتۈردى؛ ئۆز قەھرىم بولسا، مېنى قوللاپ ماڭا چىدام بەردى؛
6شۇنىڭ بىلەن ئەل-يۇرتلارنى غەزىپىمدە دەسسىۋەتكەنمەن، قەھرىمدە ئۇلارنى مەست قىلىۋەتتىم، قانلىرىنى يەرگە تۆكۈۋەتتىم».
7«مەن پەرۋەردىگارنىڭ شەپقەتلىرى توغرۇلۇق ئەسلىتىپ سۆزلەيمەن؛ پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيەگە لايىق قىلغانلىرى، ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان شەپقەتلىرىگە ئاساسەن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ئىلتىپاتلىرى، ئىسرائىل جەمەتىگە ئىلتىپات قىلغان زور ياخشىلىقلىرى توغرۇلۇق ئەسلىتىپ سۆزلەيمەن؛
8ئۇ ئۇلارنى: ــ «ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، ئالدامچىلىق قىلمايدىغان بالىلار» دەپ، ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولدى.
9ئۇلارنىڭ بارلىق دەردلىرىگە ئۇمۇ دەردداش ئىدى؛ «ئۇنىڭ يۈزىدىكى پەرىشتىسى» بولسا ئۇلارنى قۇتقۇزغان، ئۇ ئۆز مۇھەببىتى ھەم رەھىمدىللىقى بىلەن ئۇلارنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغان؛ ئاشۇ قەدىمكى بارلىق كۈنلەردە ئۇلارنى ئۆزىگە ئارتىپ كۆتۈرگەن؛
10بىراق ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىغا ئازار بەردى؛ شۇڭا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلدى.
11بىراق ئۇ: ــ «مۇسا پەيغەمبىرىم! مېنىڭ خەلقىم!» دەپ ئەينى كۈنلەرنى ئەسلەپ توختىدى. ئەمدى ئۆز پادىسى بولغانلارنى پادىچىلىرى بىلەن دېڭىزدىن چىقىرىۋالغۇچى قېنى؟ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا تۇرغۇزۇپ قويغۇچى قېنى؟
12ئۇنىڭ گۈزەل شەرەپلىك بىلىكى مۇسانىڭ ئوڭ قولى ئارقىلىق ئۇلارنى يېتەكلىگۈچى بولدى، ئۆزى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر نامنى تىكلەپ، ئۇلار ئالدىدا سۇلارنى بۆلۈۋەتكۈچى،
13ئۇلارنى دالادا ئەركىن كېزىپ يۈرىدىغان ئاتتەك، ھېچ پۇتلاشتۇرماي ئۇلارنى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن ئۆتكۈزگۈچى قېنى؟
14ماللار جىلغىغا ئوتلاشقا چۈشكەندەك، پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇلارغا ئارام بەردى؛ سەن ئۆزۈڭ گۈزەل-شەرەپلىك بىر نامغا ئېرىشىش ئۈچۈن، سەن مۇشۇ يوللار بىلەن خەلقىڭنى يېتەكلىدىڭ.
15ئاھ، ئاسمانلاردىن نەزىرىڭنى چۈشۈرگىن، سېنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىڭ، گۈزەللىك-شەرىپىڭ تۇرغان ماكانىڭدىن ھالىمىزغا قاراپ باق! قېنى ئوتلۇق مۇھەببىتىڭ ۋە كۈچ-قۇدرىتىڭ!؟ ئىچىڭنى ئاغرىتىشلىرىڭ، رەھىمدىللىقلىرىڭ قېنى؟ ئۇلار ماڭا كەلگەندە بېسىلىپ قالدىمۇ؟
16چۈنكى گەرچە ئىبراھىم بىزنى تونۇمىسىمۇ، ياكى ئىسرائىل گەرچە بىزنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، سەن ھامان بىزنىڭ ئاتىمىز؛ سەن پەرۋەردىگار بىزنىڭ ئاتىمىزدۇرسەن؛ ئەزەلدىن تارتىپ «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىمىز» سېنىڭ نامىڭدۇر.
17ئى پەرۋەردىگار، نېمىشقا بىزنى يوللىرىڭدىن ئازدۇرغانسەن؟ نېمىشقا ئۆزۈڭدىن قورقۇشتىن ياندۇرۇپ كۆڭلىمىزنى تاش قىلغانسەن؟! قۇللىرىڭ ئۈچۈن، ئۆز مىراسىڭ بولغان قەبىلىلەر ئۈچۈن، يېنىمىزغا يېنىپ كەلگەيسەن!
18مۇقەددەس خەلقىڭ پەقەت ئازغىنە ۋاقىتلا تەۋەلىكىگە ئىگە بولالىغان؛ دۈشمەنلىرىمىز مۇقەددەس جايىڭنى ئاياغ ئاستى قىلدى؛
19شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇزۇندىن بۇيان سەن ئىدارە قىلىپ باقمىغان، سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتىلىپ باقمىغان بىر خەلقتەك بولۇپ قالدۇق!