Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشايا

يەشايا 36

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ھەزەكىيانىڭ ئون تۆتىنچى يىلى شۇنداق بولدىكى، ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب يەھۇدانىڭ بارلىق قەلئە‫‪‎-‎‬‬قورغانلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلدى.   
2ئاندىن ئاسۇرىيە پادىشاھى «راب‫‪‎-‎‬‬شاكەھ» دېگەن سەردارنى چوڭ بىر قوشۇن بىلەن لاقىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمغا ئەۋەتتى. ئۇ كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولدا، يۇقىرى كۆلچەكنىڭ نورىنىڭ بېشىغا كېلىپ تۇردى.  
3شۇنىڭ بىلەن ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردىنىڭ دىۋانبېگى بولغان شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى بولغان يوئاھلار ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى
5ۋە راب‫‪‎-‎‬‬شاكەھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ سىلەر ھەزەكىياغا‫‪:‬‬ ــ «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى ساڭا مۇنداق دېدى، دەڭلار‫‪:‬‬ ــ «سېنىڭ مۇشۇ ئىشەنگەن تايانچىڭ زادى نېمىتى؟ سەن‫‪:‬‬ (ئۇ پەقەت گەپلا، خالاس!) ــ «ئۇرۇش قىلىش تەدبىر‫‪‎-‎‬‬مەسلىھىتىمىز ھەم كۈچىمىز بار» ــ دەيسەن؛ سەن زادى كىمگە تايىنىپ ماڭا قارشى ئۆكتە قوپىسەن؟
6مانا، سەن يېرىقى بار ئاشۇ قومۇش ھاسا، يەنى مىسىرغا تايىنىسەن! بىرسى ئۇنىڭغا يۆلەنسە، ئۇنىڭ قولىغا سانجىپ كىرىدۇ؛ مانا مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ!
7ئەگەر سەن ماڭا‫‪:‬‬ «بىز خۇدايىمىز بولغان پەرۋەردىگارغا تايىنىمىز» ــ دېسەڭ، ھەزەكىيا ئۆزى يەھۇدادىكىلەرگە ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە‫‪:‬‬ «سىلەر پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتگاھ ئالدىدىلا پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك» دەپ، شۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئۇلار ئاشۇ پەرۋەردىگارنىڭ يۇقىرى جايلىرى ئەمەسمىدى؟
8ئەمدى خوجام ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن بىر توختامغا كەل‫‪:‬‬ ــ «ئەگەر سەندە ئاتقا مىنەلىگۈدەك ئەسكەرلىرىڭ بولسا، مەن ساڭا ئىككى مىڭ ئاتنى بىكارغا بېرەي!»
9سەندە ئۇنداقلار بولمىسا، خوجامنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان بىر لەشكەر بېشىنى قانداقمۇ چېكىندۈرەلەيسىلەر؟! سەن جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىرغا تايىنىسەن تېخى!
10مەن ئەمدى مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارسىز كەلدىممۇ؟ پەرۋەردىگار دەرۋەقە ماڭا‫‪:‬‬ «مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىشقا چىققىن!» ــ دېدى!»»
11ئېلىئاكىم، شەبنا ۋە يوئاھ راب‫‪‎-‎‬‬شاكەھگە‫‪:‬‬ ــ «پېقىرلىرىغا ئارامىي تىلىدا سۆزلىسىلە؛ بىز بۇنى چۈشىنىمىز. بىزگە ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمىسىلە، گەپلىرى سېپىلدا تۇرغانلارنىڭ قۇلىقىغا كىرمىسۇن!» ــ دېدى.
12بىراق راب‫‪‎-‎‬‬شاكەھ‫‪:‬‬ ــ «خوجام مېنى مۇشۇ گەپنى خوجاڭلارغا ۋە سىلەرگىلا ئېيتىشقا ئەۋەتكەنمۇ؟ مۇشۇ گەپنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە سېپىلدا ئولتۇرغانلارغا دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆز پوقىنى يېگۈچى ھەم ئۆز سۈيدۈكىنى ئىچكۈچى بولىدۇ!» ــ دېدى.  
13ئاندىن راب‫‪‎-‎‬‬شاكەھ ئىبرانىي تىلىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن‫‪:‬‬ ــ «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار!» ــ دەپ ۋارقىرىدى.
14«پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «ھەزەكىيا سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن! چۈنكى ئۇ سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ.
15ئۇنىڭ سىلەرنى‫‪:‬‬ ــ «پەرۋەردىگار بىزنى جەزمەن قۇتقۇزىدۇ؛ مۇشۇ شەھەر ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ» دەپ پەرۋەردىگارغا تاياندۇرۇشىغا يول قويماڭلار!».
16ھەزەكىياغا قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئاسۇرىيە پادىشاھى مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «مەن بىلەن سۈلھىلىشىپ، مەن تەرەپكە ئۆتۈڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭىدىن ھەم ئۆزۈڭلارنىڭ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە يەيسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز سۇ كۆلچىكىڭلاردىن سۇ ئىچىسىلەر؛
17تا مەن كېلىپ سىلەرنى بۇغدايلىق ھەم شارابلىق بىر زېمىنغا، نېنى بار ھەم ئۈزۈمزارلىرى بار بىر زېمىنغا، ــ زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا ئاپىرىپ قويغۇچە يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىۋېرىڭلار!
18ھەزەكىيانىڭ سىلەرگە‫‪:‬‬ ــ «پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ» دەپ ئىشەندۈرۈشىگە يول قويماڭلار! ئەل‫‪‎-‎‬‬يۇرتلارنىڭ ئىلاھ‫‪‎-‎‬‬بۇتلىرىنىڭ بىرى ئۆز زېمىنىنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانمۇ؟
19خامات ۋە ئارپاد دېگەن يۇرتلارنىڭ ئىلاھ‫‪‎-‎‬‬بۇتلىرى قېنى؟ سەفارۋائىم شەھىرىنىڭ ئىلاھ‫‪‎-‎‬‬بۇتلىرى قېنى؟ ئۇلار سامارىيەنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزغانمۇ؟!

20مۇشۇ ئەل‫‪‎-‎‬‬يۇرتلارنىڭ ئىلاھ‫‪‎-‎‬‬بۇتلىرىدىن ئۆز زېمىنىنى قۇتقۇزغان زادى كىم بار؟ شۇنداق ئىكەن، پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟»».
21ئاڭلىغۇچىلار سۈكۈت قىلىپ ئۇنىڭغا جاۋابەن ھېچقانداق بىر سۆز قىلمىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى شۇكى‫‪:‬‬ ــ «ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەڭلار».
22ئاندىن ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى يوئاھلار كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكلىرىنى يىرتىشىپ، ھەزەكىيانىڭ يېنىغا كېلىپ، راب‫‪‎-‎‬‬شاكەھنىڭ گەپلىرىنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇردى.