Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشايا

يەشايا 24

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1مانا، پەرۋەردىگار يەر يۈزىنى بەربات، ۋەيران قىلىپ، ئۇنى ئاستىن‫‪‎-‎‬‬ئۈستىن قىلىۋېتىپ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنى تەرەپ‫‪‎-‎‬‬تەرەپكە تارقىتىدۇ؛
2شۇ ۋاقىتتا شۇنداق بولىدۇكى، خەلقلەر قانداق بولسا، كاھىن شۇنداق بولىدۇ؛ قۇل قانداق بولسا، خوجايىنى شۇنداق بولىدۇ؛ دېدەك قانداق بولسا، ئايال خوجايىنى شۇنداق بولىدۇ؛ سېتىۋالغۇچى قانداق بولسا، سېتىۋەتكۈچى شۇنداق بولىدۇ؛ ئۆتنە ئالغۇچى قانداق بولسا، ئۆتنە بەرگۈچى شۇنداق بولىدۇ؛ ئۆسۈم ئالغۇچى قانداق بولسا، ئۆسۈم بەرگۈچى شۇنداق بولىدۇ.  
3يەر يۈزى پۈتۈنلەي بەربات قىلىنىدۇ، پۈتۈنلەي بۇلاڭ‫‪‎-‎‬‬تالاڭ قىلىنىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇشۇ سۆزنى قىلدى.
4يەر يۈزى ماتەم تۇتىدۇ، ئۇ زەئىپلىشىدۇ، جاھان ھالسىزلىنىپ زەئىپلىشىدۇ، يەر يۈزىدىكى بەگ‫‪‎-‎‬‬تۆرىلەرمۇ ھالىدىن كېتىدۇ.
5يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىن ئۆزىدە تۇرۇۋاتقانلار تەرىپىدىن بۇلغىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار كۆرسەتمە‫‪‎-‎‬‬قانۇندىن چەتلىگەن؛ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەت‫‪‎-‎‬‬تەرتىپىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، مەڭگۈلۈك ئەھدىنىمۇ يوققا چىقىرىۋەتكەن.
6شۇڭا لەنەت يەر يۈزىنى يۇتۇۋالىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلار «گۇناھى بار» دەپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا يەر يۈزىدىكىلەر يۇتۇۋېلىنىدۇ، ئىنسانلار ئاز قالىدۇ.
7يېڭى شاراب تۈگەي دەپ قالدى، ئۈزۈم تاللىرى بولسا سولىشىپ كېتىدۇ؛ كەيپلىكتىن كۆڭلى خۇش ئادەملەرمۇ ئۇھ تارتىشىدۇ؛
8داپلارنىڭ شوخ سادالىرى توختايدۇ، كۆڭۈل ئېچىۋاتقانلارنىڭ ۋاراڭ‫‪‎-‎‬‬چۇرۇڭلىرىمۇ تۈگەيدۇ، چىلتارنىڭ شادلىق مۇڭلىرىمۇ توختايدۇ.
9شاراب ئىچكەنلەرنىڭمۇ ناخشىسى يوقايدۇ؛ ھاراق ئىچكەنلەرگە ھاراق ئاچچىق تۇيۇلىدۇ.
10تەرتىپسىز، مەنىسىز شەھەر بۇزۇلىدۇ؛ ھېچكىم كىرمىسۇن دەپ ھەممە ئۆيلەر ئېتىلىدۇ؛
11كوچىلاردا شاراب ئۈچۈن نالە‫‪‎-‎‬‬پەرياد كۆتۈرۈلىدۇ؛ بار شاد‫‪‎-‎‬‬خۇراملىق تۈتەككە ئايلىنىدۇ؛ يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىندىكى شادلىق يوقايدۇ.
12شەھەردە پەقەت ۋەيرانچىلىقلا قالىدۇ، دەرۋازا بولسا چېقىلغان، ھەممىسى ــ خاراب بولىدۇ!
13چۈنكى خەلق‫‪‎-‎‬‬مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا، يەر‫‪‎-‎‬‬جاھاننىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنداق بولىدۇكى، زەيتۇن دەرىخىنى قاققاندىن كېيىن قېپ قالغان زەيتۇنلاردەك، ئۈزۈم ھوسۇلىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن تەرگۈدەك بىرنەچچىلا ئۈزۈم قالغاندەك، بىر قالدىسى قالدۇرۇلىدۇ.  
14قالدىلار بولسا ئاۋازلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ھەيۋىسىگە قاراپ تەنتەنە قىلىدۇ؛ ئۇلار دېڭىز تەرەپتىن سۈرەن سالىدۇ.
15شۇڭا پەرۋەردىگارنى شەرقتىمۇ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى غەربتىكى يىراق ئاراللاردىمۇ ئۇلۇغلاڭلار؛
16جاھاننىڭ چەت‫‪‎-‎‬‬چەتلىرىدىن بىز ناخشىلارنى ئاڭلىدۇق‫‪:‬‬ ــ «ھەققانىي بولغۇچىغا شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ بولسۇن!» بىراق مەن شۇنداق دېدىم‫‪:‬‬ ــ «ئاھ، مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! ھالىمغا ۋاي! چۈنكى خائىنلار خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ؛ بەرھەق، خائىنلار نومۇسسىزلارچە خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ!
17ئى يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ئىنسانلار! ۋەھىمە، ئورا ۋە تۇزاق بېشىڭغا چۈشىدۇ؛
18ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ۋەھىمە ساداسىدىن قاچقانلار ئورىغا چۈشىدۇ، ئورىدىن چىققان بولسا تۇزاققا تۇتۇلىدۇ. چۈنكى ئاسماندىكى دېرىزىلەر ئېچىلىدۇ، يەر ئۇللىرى تەۋرەپ كېتىدۇ.  

19يەر مۇتلەق دەزلىنىپ كېتىدۇ، يەر پۈتۈنلەي پارە‫‪‎-‎‬‬پارە بولۇپ كېتىدۇ، يەر دەھشەتلىك تەۋرىنىدۇ.
20يەر مەست ئادەمدەك ئىلەڭ‫‪‎-‎‬‬سىلەڭ ماڭىدۇ؛ خۇددى لاپاستەك ئىرغاڭشىپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدىكى ئاسىيلىق گۇناھى ئۆزىنى قاتتىق باسىدۇ، ئۇ يىقىلىپ، ئىككىنچى تۇرالمايدۇ.
21شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار يۇقىرىدا تۇرغان قوشۇنلارنى يۇقىرىدا، ۋە يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى يەر يۈزىدە جازالايدۇ.
22ئۇلار ئورەككە يىغىلىدىغان بىر توپ ئەسىرلەردەك يىغىۋېلىنىدۇ، گۇندىخانىغا سولاپ قويۇلىدۇ. نۇرغۇن كۈنلەردىن كېيىن ئۇلار جازالىنىدۇ.
23ئاي ئۇياتلىقتا قالىدۇ؛ كۈنمۇ خىجىل بولۇپ كۆرۈنمەيدۇ؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار زىئون تېغىدا، يەنى يېرۇسالېمدا سەلتەنىتىنى يۈرگۈزىدۇ؛ ئۇنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپى ئۆز ئاقساقاللىرى ئالدىدا پارلايدۇ!