Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشايا

يەشايا 29

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئارىئەلگە، داۋۇت ئۆز ماكانى قىلغان ئارىئەلگە ۋاي! يەنە بىر يىل يىللارغا قوشۇلسۇن، ھېيت‫‪‎-‎‬‬بايراملار يەنە ئايلىنىپ كەلسۇن؛
2بىراق مەن دەرد‫‪‎-‎‬‬ئەلەمنى ئارىئەلگە كەلتۈرىمەن؛ داد‫‪‎-‎‬‬پەريادلار كۆتۈرۈلۈپ ئاڭلىنىدۇ؛ ئۇ ماڭا ھەقىقەتەن بىر «ئارىئەل» بولىدۇ.
3چۈنكى مەن سېنى قاپساپ چېدىرلار تىكتۈرۈپ، سېنى قامال قىلىپ مۇھاسىرە ئىستىھكاملىرىنى سالىمەن، پوتەيلىرى بىلەن سېنى قورشىۋالىمەن.  
4شۇنىڭ بىلەن پەس قىلىنىسەن، سەن يەر تېگىدىن سۆزلەيدىغان، گەپلىرىڭ پەستىن، يەنى توپا‫‪‎-‎‬‬چاڭدىن كېلىدىغان، ئاۋازىڭ ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچىنىڭكىدەك يەر تېگىدىن چىقىدۇ، سۆزلىرىڭ توپا‫‪‎-‎‬‬چاڭدىن شىۋىرلاپ چىققاندەك بولىدۇ؛
5شۇ چاغدا دۈشمەنلىرىڭنىڭ توپى خۇددى يۇمشاق توپا‫‪‎-‎‬‬چاڭلاردەك، ياۋۇزلارنىڭ توپى شامال ئۇچۇرۇپ تاشلايدىغان توپاندەك توزۇپ كېتىدۇ. بۇ ئىش بىردىنلا، تۇيۇقسىز بولىدۇ!
6ئەمدى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سېنىڭ يېنىڭغا كېلىدۇ؛ گۈلدۈرماما، يەر تەۋرەش، كۈچلۈك شاۋقۇن، قۇيۇنتاز، بوران ۋە يۇتۇۋالغۇچى ئوت يالقۇنلار بىلەن سەندىن ھېساب ئالىدۇ.
7شۇنداق قىلىپ ئارىئەلگە قارشى جەڭ قىلىدىغان، يەنى ئۇنىڭغا ۋە قەلئە‫‪‎-‎‬‬قورغانلىق مۇداپىئەلەرگە جەڭ قىلىۋاتقان بارلىق ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قوشۇنلىرى كېچىسى كۆرگەن چۈشتىكى كۆرۈنۈشتەك يوقاپ كېتىدۇ.
8ئاچ قالغان بىرسى چۈش كۆرگەندە، چۈشىدە بىر نېمە يەيدۇ؛ بىراق ئويغانسا، مانا قورسىقى قۇرۇق تۇرىدۇ؛ چاڭقىغان بىرسى چۈش كۆرگەندە، چۈشىدە سۇ ئىچىدۇ؛ بىراق ئويغانسا، مانا ئۇ ھالىدىن كېتىدۇ، ئۇ يەنىلا ئۇسسۇزلۇققا تەشنا بولىدۇ؛ مانا زىئون تېغىغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قوشۇنلىرى دەل شۇنداق بولىدۇ.
9ئەمدى ئارىسالدى بولىۋېرىپ، قايمۇقۇپ كېتىڭلار! ئۆزۈڭلارنى قارىغۇ قىلىپ، قارىغۇ بولۇڭلار! ئۇلار مەست بولدى، بىراق شارابتىن ئەمەس! ئۇلار ئىلەڭلىشىپ قالدى، بىراق ھاراقتىن ئەمەس!
10چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە غەپلەت ئۇيقۇسى باسقۇچى بىر روھنى تۆكۈپ، كۆزۈڭلارنى ئېتىۋەتتى؛ ئۇ پەيغەمبەرلەر ۋە باش‫‪‎-‎‬‬كۆزۈڭلار بولغان ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىمۇ چۈمكىۋەتتى.  
11مۇشۇ كۆرگەن پۈتكۈل ۋەھىي بولسا، سىلەر ئۈچۈن پېچەتلىۋېتىلگەن بىر يۆگىمە كىتابدەك بولۇپ قالدى؛ خەق كىتابنى ساۋاتلىق بىرسىگە بېرىپ‫‪:‬‬ ــ «ئوقۇپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن» ــ دېسە، ئۇ‫‪:‬‬ ــ «ئوقۇيالمايمەن، چۈنكى پېچىتى بار ئىكەن» ــ دەيدۇ.
12كىتاب ساۋاتسىز بىرسىگە بېرىلىپ‫‪:‬‬ ــ «ئوقۇپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن» ــ دېيىلسە، ئۇ‫‪:‬‬ ــ «مەن ساۋاتسىز» ــ دەيدۇ.
13ۋە رەب مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «مۇشۇ خەلق ئاغزى بىلەن ماڭا يېقىنلاشقاندا، تىلى بىلەن مېنى ھۆرمەتلىگەندە، بىراق قەلبى بولسا مەندىن يىراق تۇرغاچقا، مەندىن بولغان قورقۇشى بولسا، پەقەت ئىنسان بالىسىنىڭ پەتىۋالىرىدىنلا بولىدۇ، خالاس؛  
14شۇڭا مانا، مەن مۇشۇ خەلق ئارىسىدا يەنە بىر كارامەت كۆرسىتىمەن؛ كارامەت بىر ئىشنى كارامەت بىلەن قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دانىشمەنلىرىنىڭ دانالىقى يوقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئاقىللىرىنىڭ ئەقىللىرى يوشۇرۇنۇۋالغان بولىدۇ».   
15ئۆزىنىڭ پۈككەن نىيەتلىرىنى پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئاستىن يەرگە كىرىۋالغان، ئۆز ئىشلىرىنى قاراڭغۇلۇقتا قىلىدىغان، ۋە «بىزنى كىم كۆرىدۇ» ۋە «كىم بىزنى بىلگەن» دېگەنلەرگە ۋاي!
16ئاھ، سىلەرنىڭ تەتۈرلۈكۈڭلار! ساپالچىنى سېغىز لايغا ئوخشاتقىلى بولامدۇ؟ شۇنداقلا ئىش ئۆزىنى ئىشلىگۈچىگە‫‪:‬‬ «ئۇ مېنى ئىشلىمىگەن»، ياكى شەكىللەندۈرۈلگەن ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچىگە‫‪:‬‬ «ئۇنىڭ ئەقلى يوق» دېسە بولامدۇ؟!
17چۈنكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا، لىۋان مېۋىلىك باغغا ئايلاندۇرۇلمامدۇ؟ مېۋىلىك باغ بولسا ئورمان ھېسابلانمامدۇ؟
18شۇ كۈنىدە گاسلار شۇ يۆگىمە كىتابنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدىغان، قارىغۇلار زۇلمەت ھەم قاراڭغۇلۇقتىن چىقىپ كۆزلىرى كۆرىدىغان بولىدۇ؛

19مۆمىنلەر بولسا پەرۋەردىگاردىن تېخىمۇ خۇرسەن بولىدۇ؛ ئىنسانلار ئارىسىدىكى مىسكىنلەر ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىدىن شادلىنىدۇ.
20رەھىمسىز بولغۇچى يوقايدۇ، مازاق قىلغۇچى غايىب بولىدۇ؛ قەبىھلىك پۇرسىتىنى كۈتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك قىلىنىدۇ؛
21مانا مۇشۇنداق ئادەملەر ئادەمنى بىر سۆز ئۈچۈنلا جىنايەتچى قىلىدۇ، دەرۋازىدا تۇرۇپ رەزىللىككە تەنبىھ بەرگۈچى ئۈچۈن تۇزاق تەييارلاپ قويىدۇ، ھەققانىي ئادەمنىڭ دەۋاسىنى سەۋەبسىز بىكار قىلىۋېتىدۇ.  
22شۇڭا ئىبراھىم ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «ھازىر بولسا ياقۇپ خىجىللىققا قالمايدۇ، ھازىر بولسا ئۇ تىت‫‪‎-‎‬‬تىت بولۇپ چىرايى تاتىرىپ كەتمەيدۇ؛
23چۈنكى ياقۇپ قولۇمنىڭ ئىشلىگەن ئەمىلى بولغان، ئۆز ئارىسىدا تۇرغان ئەۋلادلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىدا، ئۇلار نامىمنى مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلايدىغان، ياقۇپنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىنى پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس دەپ بىلىدىغان، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىدىن قورقىدىغان بولىدۇ.
24روھى ئېزىپ كەتكەنلەر يورۇتۇلىدىغان، قاقشاپ يۈرگەنلەر نەسىھەت‫‪‎-‎‬‬بىلىم قوبۇل قىلىدىغان بولىدۇ.