Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشايا

يەشايا 11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ۋە بىر تال نوتا يەسسەنىڭ دەرىخىنىڭ كۆتىكىدىن ئۈنۈپ چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ يىلتىزىدىن ئۈنۈپ چىققان بىر شاخ كۆپ مېۋە بېرىدۇ.  
2ۋە پەرۋەردىگارنىڭ روھى، يەنى دانالىقنىڭ ۋە يورۇتۇشنىڭ روھى، نەسىھەت ۋە كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرەتنىڭ روھى، بىلىم ۋە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ؛  
3ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى بولسا پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئىبارەت بولىدۇ؛ ئۇ كۆزى بىلەن كۆرگىنىگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقارمايدۇ، ياكى قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغىنىغا ئاساسەن كېسىم قىلمايدۇ.
4ئۇ نامراتلارغا ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، يەر يۈزىدىكى مىسكىن‫‪‎-‎‬‬مۆمىنلەر ئۈچۈن ئادالەت بىلەن كېسىم قىلىدۇ. ئۇ جاھاننى ئاغزىدىكى زاكون تايىقى بىلەن ئۇرىدۇ، رەزىللەرنى لەۋلىرىدىن چىققان نەپەسى بىلەن ئۆلتۈرىدۇ.
5ئۇنىڭ بەلۋېغى ھەققانىيلىق، چاتراقلىقى بولسا سادىقلىق بولىدۇ.
6بۆرە بولسا قوزا بىلەن بىللە تۇرىدۇ، يىلپىز ئوغلاق بىلەن بىللە، موزاي، ئارسلان ۋە بورداق كالا بىلەن بىللە ياتىدۇ؛ ئۇلارنى يېتىلىگۈچى كىچىك بىر بالا بولىدۇ.
7كالا ئېيىق بىلەن بىللە ئوزۇقلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىللە يېتىشىدۇ، شىر بولسا كالىدەك سامان يەيدۇ.
8ئەممەيدىغان بالا كوبرا يىلاننىڭ تۆشۈكىگە يېقىن ئوينايدۇ، ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالا قولىنى زەھەرلىك يىلاننىڭ ئوۋىسىغا تىقىدۇ؛
9مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمنىڭ ھەممە يېرىدە ھېچ زىيانكەشلىك بولمايدۇ؛ ھېچ بۇزغۇنچىلىق بولمايدۇ؛ چۈنكى خۇددى سۇلار دېڭىزنى قاپلىغاندەك، پۈتكۈل جاھان پەرۋەردىگارنى بىلىش‫‪‎-‎‬‬تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ.
10شۇ كۈنىدە «يەسسەنىڭ يىلتىزى» ھەرقايسى ئەل‫‪‎-‎‬‬مىللەتلەر ئۈچۈن تۇغ سۈپىتىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ؛ بارلىق ئەللەر ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ يىغىلىدۇ؛ ۋە ئۇ ئارامگاھقا تاللىغان جاي شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپكە تولىدۇ.
11شۇ كۈنى رەب ئىككىنچى قېتىم ئۆز خەلقىنىڭ ساقلانغان قالدىسىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ئاسۇرىيە، مىسىر، پاتروس، كۇش، ئېلام، شىنار، خامات ۋە دېڭىزدىكى يىراق ئاراللاردىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز قولىنى يەنە ئۇزارتىدۇ.
12ئۇ ئەللەرنى چاقىرىش ئۈچۈن بىر تۇغ كۆتۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇ يەر يۈزىنىڭ چەت‫‪‎-‎‬‬چەتلىرىدىن ئىسرائىلنىڭ غېرىبلىرىنى جەم قىلىپ، يەھۇدادىن تارقىلىپ كەتكەنلەرنى يىغىدۇ.
13شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىمغا بولغان ھەسەتخورلۇق يوقايدۇ، يەھۇدانى خارلىغانلارمۇ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ ئەفرائىم يەھۇداغا ھەسەت قىلمايدۇ، يەھۇدا بولسا ئەفرائىمنى خورلىمايدۇ.
14بىراق ئۇلار غەرب تەرەپتە فىلىستىيلەرنىڭ مۈرىسىگە ئۇچۇپ چۈشىدۇ؛ ئۇلار بىرلىكتە شەرقتىكى خەلقلەردىن ئولجا ئالىدۇ؛ ئۇلار ئېدوم ۋە موئاب ئۈستىگە قوللىرىنى ئۇزارتىدۇ؛ ئاممونىيلارمۇ ئۇلارغا بېقىنىدۇ.
15پەرۋەردىگار مىسىردىكى دېڭىزنىڭ «تىلى»نى يوق قىلىدۇ؛ ئۇ كۈچلۈك پىژغىرىن شامال بىلەن ئەفرات دەرياسىنىڭ ئۈستىگە قولىنى بېغىرلىتىپ ئۇچۇرىدۇ، ئۇنى ئادەم ئايىغى قۇرۇق ھالدا مېڭىپ ئۆتكۈدەك يەتتە ئېرىق قىلىپ ئۇرىدۇ؛
16شۇنىڭ بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ قالدىسى ئۈچۈن، مىسىردىن چىققان كۈنىدە ئىسرائىل ئۈچۈن تەييارلىغان يولغا ئوخشاش، ئاسۇرىيەدە قالغانلار ئۈچۈن ئاشۇ يەردىن كېلىدىغان بىر كۆتۈرۈلگەن ئېگىز يول بولىدۇ.