Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشايا

يەشايا 64

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2ئاھ، سەن ئاسمانلارنى يىرتىۋېتىپ، يەرگە چۈشكەن بولساڭ ئىدىڭ! تاغلار بولسا يۈزۈڭ ئالدىدا ئېرىپ كېتەتتى! مانا مۇشۇنداق بولغاندا تۇتۇرۇققا ئوت ياققاندەك، ئوت سۇنى قايناتقاندەك، سەن نامىڭنى دۈشمەنلىرىڭگە ئايان قىلغان بولاتتىڭ، ئەللەر يۈزۈڭدىنلا تىترەپ كېتەتتى!
3سەن بىز كۈتمىگەن دەھشەتلىك ئىشلارنى قىلغان ۋاقتىڭدا، سەن چۈشكەنىدىڭ؛ يۈزۈڭدىن تاغلار راستلا ئېرىپ كەتتى!
4سەندىن باشقا ئۆزىگە تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر ئۈچۈن ئىشلىگۈچى بىر خۇدانى، ئادەملەر ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان، قۇلاققا يېتىپ باقمىغان، كۆز كۆرۈپ باقمىغاندۇر!
5سەن ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزۈشنى خۇرسەنلىك دەپ بىلگەن ئادەمنىڭ، يەنى يوللىرىڭدا مېڭىپ، سېنى سېغىنغانلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ھەمراھدۇرسەن؛ بىراق مانا، سەن غەزەپتە بولدۇڭ، بىز بولساق گۇناھتا بولدۇق؛ ئۇنداق ئىشلار ئۇزۇن بولىۋەردى؛ ئەمدى بىز قۇتقۇزۇلامدۇق؟
6ئەمدى بىز ناپاك بىر نەرسىگە ئوخشاش بولدۇق، قىلىۋاتقان بارلىق «ھەققانىيەتلىرىمىز» بولسا بىر ئەۋرەت لاتىسىغىلا ئوخشايدۇ، خالاس؛ ھەممىمىز يوپۇرماقتەك خازان بولۇپ كەتتۇق، قەبىھلىكلىرىمىز شامالدەك بىزنى ئۇچۇرۇپ تاشلىۋەتتى.
7سېنىڭ نامىڭنى چاقىرىپ نىدا قىلغۇچى، ئىلتىپاتىڭنى تۇتۇشقا قوزغالغۇچى ھېچ يوقتۇر؛ چۈنكى سەن يۈزۈڭنى بىزدىن قاچۇرۇپ يوشۇردۇڭ، قەبىھلىكلىرىمىزدىن بىزنى سولاشتۇرغۇزدۇڭ.
8بىراق ھازىر، ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ ئاتىمىزدۇرسەن؛ بىز سېغىز لاي، سەن بىزنىڭ ساپالچىمىزدۇرسەن؛ ھەممىمىز بولساق قولۇڭدا ياسالغاندۇرمىز؛
9ئى پەرۋەردىگار، بىزگە قاراتقان غەزىپىڭنى زور قىلمىغايسەن، قەبىھلىكنى مەڭگۈگىچە ئەسلەپ يۈرمىگىن؛ مانا، قارىغىن، ھەممىمىز سېنىڭ خەلقىڭدۇرمىز!
10مۇقەددەس شەھەرلىرىڭ جاڭگال، زىئونمۇ جاڭگال بولۇپ قالدى؛ يېرۇسالېم ۋەيران بولدى؛
11ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىمىز سېنى مەدھىيىلىگەن جاي، پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەسلىك، گۈزەل‫‪‎-‎‬‬پارلاقلىق تۇرالغۇسى بولغان ئۆيىمىز بولسا ئوت بىلەن كۆيۈپ كۈل بولدى؛ قەدىر‫‪‎-‎‬‬قىممەتلىك نەرسىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ۋەيران قىلىۋېتىلدى.
12مۇشۇ ئىشلار ئالدىدا ئۆزۈڭنى چەتكە ئالامسەن، ئى پەرۋەردىگار؟ سۈكۈت قىلىپ تۇرامسەن؟ بىزنى بولۇشىچە خار قىلىپ ئۇرىۋېرەمسەن؟»