1خەلقىمگە تەسەللى بېرىڭلار، تەسەللى بېرىڭلار، دەپلا يۈرىدۇ خۇدايىڭلار؛
2يېرۇسالېمنىڭ قەلبىگە سۆز قىلىپ ئۇنىڭغا جاكارلاڭلاركى، ئۇنىڭ جەبىر-جاپالىق ۋاقتى ئاخىرلاشتى، ئۇنىڭ قەبىھلىكى كەچۈرۈم قىلىندى؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن بارلىق گۇناھلىرىنىڭ ئورنىغا ئىككى ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقىتىنى ئالدى.
3ئاڭلاڭلار، دالادا بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى! «پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، چۆل-باياۋاندا خۇدايىمىز ئۈچۈن بىر يولنى كۆتۈرۈپ تۈپتۈز قىلىڭلار!
4بارلىق جىلغىلار كۆتۈرۈلىدۇ، بارلىق تاغ-دۆڭلەر پەس قىلىنىدۇ؛ ئەگرى-توقايلار تۈزلىنىدۇ، ئوڭغۇل-دوڭغۇل يەرلەر تەكشىلىنىدۇ.
5پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى كۆرۈنىدۇ، ۋە بارلىق تەن ئىگىلىرى ئۇنى تەڭ كۆرىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز ئاغزى شۇنداق سۆز قىلغان!».
6ــ ئاڭلاڭلار، بىر ئاۋاز «جاكارلا» دەيدۇ؛ جاكارلىغۇچى بولسا مۇنداق سوراپ: ــ «مەن نېمىنى جاكارلايمەن؟» ــ دېدى. جاۋاب بولسا: ــ «بارلىق تەن ئىگىلىرى ئوت-چۆپتۇر، خالاس؛ ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق ۋاپالىقى دالادىكى گۈلگە ئوخشاش؛
7ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۈستىگە پۈۋلەيدۇ؛ بەرھەق، بارلىق خەلقمۇ ئوت-چۆپتۇر!
8ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ؛ بىراق خۇدايىمىزنىڭ كالام-سۆزى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!»
9ــ ئى زىئونغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچى، يۇقىرى بىر تاغقا چىققىن؛ يېرۇسالېمغا خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگۈچى، ئاۋازىڭنى كۈچەپ كۆتۈرگىن! ئۇنى كۆتۈرگىن، قورقمىغىن! يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىگە: ــ «مانا، خۇدايىڭلارغا قاراڭلار» دېگىن!
10مانا، رەب پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرىتىدە كېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بىلىكى ئۆزى ئۈچۈن ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ؛ مانا، ئۇنىڭ ئالغان مۇكاپاتى ئۆزى بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنئامى ئۆزىگە ھەمراھ بولىدۇ.
11قويچىدەك ئۇ ئۆز پادىسىنى باقىدۇ؛ ئۇ قوزىلارنى بىلەك-قولىغا يىغىدۇ، ئۇلارنى قۇچاقلاپ ماڭىدۇ، ئېمىتكۈچىلەرنى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن يېتەكلەيدۇ.
12كىم دەريا-ئوكيانلارنىڭ سۇلىرىنى ئوچۇمىدا ئۆلچەپ بەلگىلىگەن، ئاسمانلارنى غېرىچلاپ بېكىتكەن، جاھاننىڭ توپا-چاڭلىرىنى مىسقاللاپ سالغان، تاغلارنى تارازىدا تارازىلاپ، دۆڭلەرنى جىڭدا تارتىپ ئورناتقان؟
13كىم پەرۋەردىگارنىڭ روھىغا يوليورۇق بەرگەن؟ كىم ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولۇپ ئۆگەتكەن؟
14ئۇ كىم بىلەن مەسلىھەتلەشكەن، كىم ئۇنى ئەقىللىق قىلىپ تەربىيەلىگەن؟ ئۇنىڭغا ھۆكۈم-ھەقىقەت چىقىرىش يولىدا كىم يېتەكلىگەن، ياكى ئۇنىڭغا بىلىم ئۆگەتكەن، ياكى ئۇنىڭغا يورۇتۇلۇش يولىنى كىم كۆرسەتكەن؟
15مانا، ئۇنىڭ ئالدىدا ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن چېلەكتە قالغان بىر تامچا سۇدەك، تارازىدا قالغان توپا-چاڭدەك ھېسابلىنىدۇ؛ مانا، ئۇ ئاراللارنى زەررىچە نەرسىدەك قولىغا ئالىدۇ؛
16پۈتكۈل لىۋان بولسا قۇربانگاھ ئوتىغا، ئۇنىڭ ھايۋانلىرى بولسا بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىققا يەتمەيدۇ.
17ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنەرسە ئەمەستۇر؛ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇلار يوقنىڭ ئارىلىقىدا، قۇرۇق-مەنىسىز دەپ ھېسابلىنىدۇ.
18ئەمدى سىلەر تەڭرىنى كىمگە ئوخشاتماقچىسىلەر؟ ئۇنى نېمىگە ئوخشىتىپ سېلىشتۇرىسىلەر؟
19بىر بۇتقىمۇ؟! ئۇنى ھۈنەرۋەن قېلىپقا قۇيۇپ ياسايدۇ؛ زەرگەر ئۇنىڭغا ئالتۇن ھەل بېرىدۇ، ئۇنىڭغا كۈمۈش زەنجىرلەرنى سوقۇپ ياسايدۇ.
20يوقسۇللارنىڭ بېغىشلىغۇدەك ئۇنداق ھەدىيىلىرى بولمىسا، چىرىمەيدىغان بىر دەرەخنى تاللايدۇ؛ ئۇ لىڭشىپ قالمىغۇدەك بىر بۇتنى ئويۇپ ياساشقا ئۇستا بىر ھۈنەرۋەن ئىزدەپ چاقىرىدۇ.
21سىلەر بىلمەمسىلەر؟ سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇسىلەر؟ سىلەرگە ئەزەلدىن ئېيتىلمىغانمىدۇ؟ يەر-زېمىن ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟
22ئۇ يەر-زېمىننىڭ چەمبىرىكىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلار ئۇنىڭ ئالدىدا چاقچىقىرلاردەك تۇرىدۇ؛ ئۇ ئاسمانلارنى پەردىدەك تارتىدۇ، ئۇلارنى خۇددى ماكان قىلىدىغان چېدىردەك يايىدۇ؛
23ئۇ ئەمىرلەرنى يوققا چىقىرىدۇ؛ جاھاندىكى سوتچى-بەگلەرنى ئارتۇقچە قىلىدۇ.
24ئۇلار تىكىلدىمۇ؟ ئۇلار تېرىلدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ غولى يىلتىز تارتتىمۇ؟ ــ بىراق ئۇ ئۈستىگىلا پۈۋلەپ، ئۇلار سولىشىپ كېتىدۇ، قۇيۇن ئۇلارنى توپاندەك ئېلىپ تاشلايدۇ.
25ئەمدى مېنى كىمگە ئوخشاتماقچىسىلەر؟ ماڭا كىم تەڭداش بولالىسۇن؟» ــ دەيدۇ مۇقەددەس بولغۇچى.
26كۆزلىرىڭلارنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ، قاراڭلار! مۇشۇ مەۋجۇداتلارنى كىم ياراتقاندۇ؟ ئۇلارنى كىم تۈركۈم-تۈركۈم قوشۇنلار قىلىپ تەرتىپلىك ئەپچىقىدۇ؟ ئۇ ھەممىسىنى نامى بىلەن بىر-بىرلەپ چاقىرىدۇ؛ ئۇنىڭ كۈچىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، قۇدرىتىنىڭ زورلۇقى بىلەن، ئۇلاردىن بىرىمۇ كەم قالمايدۇ.
27ــ نېمىشقا شۇنى دەۋېرىسەن، ئى ياقۇپ؟ نېمىشقا مۇنداق سۆزلەۋېرىسەن، ئى ئىسرائىل: ــ «مېنىڭ يولۇم پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇندۇر، خۇدايىم مېنىڭ دەۋايىمغا ئېرەن قىلماي ئۆتىۋېرىدۇ!»؟
28سىلەر بىلمىگەنمۇسىلەر؟ ئاڭلاپ باقمىغانمۇسىلەر؟ پەرۋەردىگار ــ ئەبەدىلئەبەدلىك خۇدا، جاھاننىڭ قەرىلىرىنى ياراتقۇچىدۇر! ئۇ يا ھالسىزلانمايدۇ، يا چارچىمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئوي-بىلىمىنىڭ تېگىگە ھەرگىز يەتكىلى بولمايدۇ.
29ئۇ ھالىدىن كەتكەنلەرگە قۇدرەت بېرىدۇ؛ ماغدۇرسىزلارغا ئۇ بەرداشلىقنى ھەسسىلەپ ئاۋۇتىدۇ.
30ھەتتا يىگىتلەر ھالىدىن كېتىپ چارچاپ كەتسىمۇ، باتۇرلار بولسا پۇتلىشىپ يىقىلسىمۇ،
31بىراق پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەرنىڭ كۈچى يېڭىلىنىدۇ؛ ئۇلار بۈركۈتلەردەك قانات كېرىپ ئۆرلەيدۇ؛ ئۇلار يۈگۈرۈپ، چارچىمايدۇ؛ يولدا مېڭىپ، ھالىدىن كەتمەيدۇ!