Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشايا

يەشايا 35

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ــ دالا ھەم قاغجىراپ كەتكەن جايلار ئۇلار ئۈچۈن خۇشال بولىدۇ؛ چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋان شادلىنىپ زەپىراندەك چېچەكلەيدۇ؛
2ئۇ بەرق ئۇرۇپ چېچەكلەيدۇ، شادلىققا شادلىق قوشۇلۇپ تەنتەنە قىلىدۇ؛ لىۋاننىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپى، كارمەل ۋە شاروندىكى گۈزەللىك ۋە سۈر ئۇنىڭغا بېرىلىدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىنى، خۇدايىمىزنىڭ گۈزەللىكى ۋە ھەيۋىتىنى كۆرىدۇ.
3ئاجىز قوللارنى كۈچلەندۈرۈڭلار، ئېگىلىپ ماڭىدىغان تىزلارنى چىڭىتىڭلار،
4يۈرىكى ئاغقانلارغا‫‪:‬‬ ــ «چىڭ تۇرۇڭلار! قورقماڭلار! مانا، خۇدايىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار؛ قىساس كېلىدۇ ــ خۇدانىڭ ھېساب ئېلىش كۈنى كېلىدۇ! ئۇ ئۆزى كېلىدۇ، سىلەرنى قۇتقۇزىدۇ!» ــ دەڭ!
5ئاندىن قارىغۇنىڭ كۆزى ئېچىلىدۇ، گاسنىڭ قۇلاقلىرى ئوچۇق قىلىنىدۇ،
6ئاندىن ئاقساق‫‪‎-‎‬‬توكۇرلار كېيىكتەك ئويناقلاپ سەكرەيدۇ؛ گاچىنىڭ تىلى ناخشا ئېيتىدۇ؛ چۈنكى دالادا سۇلار، چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋانلاردا دەريا‫‪‎-‎‬‬ئېقىنلار ئۇرغۇپ تاشىدۇ؛
7پىژغىرىن چۆل‫‪‎-‎‬‬جەزىرە كۆلچەككە، چاڭقىغان يەرلەر بۇلاقلارغا ئايلىنىدۇ؛ چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانى ــ ئۇلار ياتقان جاي، قومۇش ۋە يېكەنلەر ئۆسۈپ، چىمەنلىككە ئايلىنىدۇ.
8شۇ يەردە ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بىر يول، تۈپتۈز بىر يول بولىدۇ؛ ئۇ «پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەسلىكنىڭ يولى» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ناپاكلار ئۇنىڭدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ، شۇ يول مەخسۇس شۇلار ئۈچۈن بېكىتىلىپ ياسالغانكى، ــ ھەتتا نادانلارمۇ ئۇنىڭدا ئېزىپ كەتمەيدۇ؛
9شۇ يەردە شىر بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچ يىرتقۇچ ھايۋان (ئۇلار شۇ يەردە ھېچ تېپىلمايدۇ) ــ نىجات ئارقىلىق ھۆرلۈككە چىققانلار شۇ يەردە ماڭىدۇ!
10پەرۋەردىگارنىڭ بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلىرى قايتىپ كېلىدۇ، كۈيلەرنى ئېيتىپ زىئونغا يېتىپ كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ باشلىرىغا مەڭگۈلۈك شاد‫‪‎-‎‬‬خۇراملىق قونىدۇ؛ ئۇلار خۇشاللىق ۋە شادلىققا چۆمگەن بولىدۇ؛ قايغۇ‫‪‎-‎‬‬ھەسرەت ھەم ئۇھ‫‪‎-‎‬‬نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ.