1بىراق، ھەسرەت-نادامەتكە قالغانلارغا زۇلمەت بولىۋەرمەيدۇ؛ ئۇ ئۆتكەن زامانلاردا زەبۇلۇن زېمىنىنى ۋە نافتالى زېمىنىنى خار قىلدۇرغان؛ بىراق كەلگۈسىدە ئۇ مۇشۇ يەرنى، يەنى «يات ئەللەرنىڭ ماكانى» گالىلىيەگە، جۈملىدىن «دېڭىز يولى» بويىدىكى جايلار ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغاقلىرىغا شان-شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛
2قاراڭغۇلۇقتا مېڭىپ يۈرگەن كىشىلەر زور بىر نۇرنى كۆردى؛ ئۆلۈم سايىسىنىڭ يۇرتىدا تۇرغۇچىلارغا بولسا، دەل ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇر پارلىدى.
3ــ سەن ئەلنى ئاۋۇتتۇڭ، ئۇلارنىڭ شادلىقىنى زىيادە قىلدىڭ؛ خەلقلەر ھوسۇل ۋاقتىدا شادلانغاندەك، جەڭ ئولجىسىنى ئۈلەشتۈرگەن ۋاقىتتا خۇشاللىققا چۆمگەندەك، ئۇلار ئالدىڭدا شادلىنىپ كېتىدۇ.
4چۈنكى مىدىياننىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان كۈنگە ئوخشاش، سەن ئۇنىڭغا سېلىنغان بويۇنتۇرۇقنى، مۈرىسىگە چۈشكەن ئەپكەشنى، ئۇلارنى ئەزگۈچىنىڭ تايىقىنى سۇندۇرۇپ تاشلىۋەتتىڭ.
5چۈنكى لەشكەرلەرنىڭ ئۇرۇشتا كىيگەن ھەربىر ئۆتۈكلىرى، قانغا مىلەنگەن ھەربىر تونلىرى بولسا پەقەتلا ئوت ئۈچۈن يېقىلغۇ بولىدۇ.
6چۈنكى بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلدى؛ بىزگە بىر ئوغۇل ئاتا قىلىندى؛ ھۆكۈمرانلىق بولسا ئۇنىڭ زىممىسىگە قويۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى: ــ «كارامەت مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك تەڭرى، مەڭگۈلۈك ئاتا، ئامان-خاتىرجەملىك ئىگىسى شاھزادە» دەپ ئاتىلىدۇ.
7ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغاندا ۋە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا، شۇ چاغدىن باشلاپ تا ئەبەدىلئەبەدگىچە، ئۇنى ئادالەت ھەم ھەققانىيلىق بىلەن تىكلەيدۇ، شۇنداقلا مەزمۇت ساقلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ھۆكۈمرانلىق ۋە ئامان-خاتىرجەملىكنىڭ ئېشىشى پۈتمەس-تۈگىمەس بولىدۇ. ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇلارنى ئادا قىلىدۇ.
8رەب ياقۇپ جەمەتىگە بىر سۆز ئەۋەتتى، ئۇ پات ئارىدا ئىسرائىلغا چۈشىدۇ،
9بارلىق خەلق، يەنى ئەفرائىم ۋە سامارىيەدىكىلەر شۇ سۆزنىڭ توغرىلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ،: ــ لېكىن كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ يوغىنلىق قىلىپ، ئۇلار: ــ
10ــ «خىشلار چۈشۈپ كەتتى، بىراق ئۇلارنىڭ ئورنىغا يونۇلغان تاشلار بىلەن قايتا ياسايمىز؛ ئېرەن دەرەخلىرى كېسىلىپ بولدى، بىراق ئۇلارنىڭ ئورنىدا كېدىر دەرەخلىرىنى ئىشلىتىمىز» ــ دېيىشىدۇ؛
11شۇڭا پەرۋەردىگار رەزىننىڭ كۈشەندىلىرىنى ئىسرائىلغا قارشى كۈچلەندۈردى، ياقۇپنىڭ دۈشمەنلىرىنى قوزغىدى.
12شەرقتىن سۇرىيەلىكلەر، غەرەبتە فىلىستىيلەر، ئۇلار ئاغزىنى ھاڭدەك ئېچىپ ئىسرائىلنى يۇتۇۋالىدۇ. ئىشلار شۇنداق دېيىلگەندەك بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ.
13بىراق خەلق ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچىنىڭ يېنىغا تېخى يېنىپ كەلمىدى، ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيۋاتىدۇ.
14شۇڭا پەرۋەردىگار بىر كۈن ئىچىدە ئىسرائىلنىڭ بېشى ۋە قۇيرۇقىنى، پالما شېخى ۋە قومۇشىنى كېسىپ تاشلايدۇ؛
15مويسىپىت ۋە مۆھتەرەملەر بولسا باشتۇر؛ يالغانچىلىق ئۆگىتىدىغان پەيغەمبەر ــ قۇيرۇقتۇر.
16چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يېتەكچىلىرى ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ، يېتەكلەنگۈچىلەر بولسا يۇتۇۋېلىنىپ يوقىلىدۇ.
17شۇڭا رەب ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىدىن خۇرسەنلىك تاپمايدۇ، يېتىم-يېسىرلىرى ۋە تۇل خوتۇنلىرىغا رەھىم قىلمايدۇ؛ چۈنكى ھەربىرى ئىپلاس ۋە رەزىللىك قىلغۇچى، ھەممە ئېغىزدىن چىققىنى پاسىقلىقتۇر. ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ.
18چۈنكى رەزىللىك ئوتتەك كۆيىدۇ، ئۇ جىغان ۋە تىكەنلەرنى يۇتۇۋالىدۇ؛ ئۇ ئورماننىڭ باراقسان جايلىرى ئارىسىدا تۇتىشىدۇ، ئۇلار ئىس-تۈتەكلىك تۈۋرۈك بولۇپ پۇرقىراپ يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ؛
19ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ دەرغەزىپى بىلەن زېمىن كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ، خەلق بولسا ئوتنىڭ يېقىلغۇسى بولىدۇ، خالاس؛ ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىنى ئاياپ رەھىم قىلمايدۇ.
20بىرسى ئوڭ تەرەپتە گۆش كېسىپ يەپ، تويمايدۇ، سول تەرەپتىن يالماپ يەپمۇ، قانائەتلەنمەيدۇ؛ ھەركىم ئۆز بىلىكىنى يەيدۇ؛
21مەناسسەھ ئەفرائىمنى، ئەفرائىم بولسا مەناسسەھنى يەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىسىمۇ يەھۇداغا قارشى تۇرىدۇ. ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ.