1مانا، ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى بىر پادىشاھ چىقىدۇ؛ ئەمىرلەر بولسا توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ ئىدارە قىلىدۇ.
2ھەم شامالغا دالدا بولغۇدەك، بورانغا پاناھ بولغۇدەك، قاغجىراق جايغا ئېرىق-سۇلاردەك، چاڭقاپ كەتكەن زېمىنغا قورام تاشنىڭ سايىسىدەك بولغان بىر ئادەم چىقىدۇ.
3شۇنىڭ بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزلىرى ھېچ تورلاشمايدۇ، ئاڭلايدىغانلارنىڭ قۇلىقى ئېنىق تىڭشايدۇ؛
4بەڭباشنىڭ كۆڭلى بىلىمنى تونۇپ يېتىدۇ، كېكەچنىڭ تىلى تېز ھەم ئېنىق سۆزلەيدۇ.
5پەسەندىلەر ئەمدى پەزىلەتلىك دەپ ئاتالمايدۇ، پىقسىق ئىپلاسلار ئەمدى مەرد دەپ ئاتالمايدۇ،
6چۈنكى پەسەندە ئادەم پەسلىكنى سۆزلەيدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇقچىلىق تەييارلايدۇ، ئىپلاسلىق قىلىشقا، پەرۋەردىگارغا داغ كەلتۈرۈشكە، ئاچلارنىڭ قورسىقىنى ئاچ قالدۇرۇشقا، چاڭقىغانلارنىڭ ئىچىملىكىنى يوقىتىۋېتىشكە نىيەتلىنىدۇ.
7بەرھەق، ئىپلاس ئادەمنىڭ تەدبىرلىرى قەبىھتۇر؛ ئۇ قەستلەرنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ، مۆمىنلەرنى يالغان گەپ بىلەن، يوقسۇلنىڭ دەۋاسىدا گەپ قىلىپ ئۇنى ۋەيران قىلىشنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ.
8پەزىلەتلىك ئادەمنىڭ قىلغان نىيەتلىرى بەرھەق پەزىلەتلىكتۇر؛ ئۇ پەزىلەتتە مۇقىم تۇرىدۇ.
9ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ، ئى خاتىرجەم ئاياللار، ئاۋازىمنى ئاڭلاڭلار! ئى ئەندىشىسىز قىزلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار!
10بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا، ئى بىغەم ئاياللار، پاراكەندە قىلىنىسىلەر! چۈنكى ئۈزۈم ھوسۇلى بىكارغا كېتىدۇ، مېۋە يىغىش يوق بولىدۇ.
11ئى خاتىرجەم ئاياللار، تىترەڭلار! ئى ئەندىشىسىز قىزلار، پاتىپاراق بولۇڭلار! كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يالاڭ قىلىڭلار، چاترىقىڭلارغا بۆز باغلاڭلار!
12گۈزەل ئېتىز-باغلار ئۈچۈن، مېۋىلىك ئۈزۈم تاللىرى ئۈچۈن مەيدەڭلارغا ئۇرۇپ ھەسرەت چېكىڭلار!
13ئۈستىدە تىكەن-يانتاقلار ئۆسىدىغان ئۆز خەلقىمنىڭ زېمىنى ئۈچۈن، شاد-خۇرام ئۆيلەر، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ ئوينايدىغان بۇ شەھەر ئۈچۈن قايغۇرۇڭلار!
14چۈنكى ئوردا تاشلىنىدۇ، ئادەملەر بىلەن لىق تولغان شەھەر ئادەمزاتسىز بولىدۇ، ئىستىھكام ۋە كۆزەت مۇنارلىرى ئۇزۇن زامانغىچە پەقەتلا ياۋايى ئېشەكلەر زوق ئالىدىغان، قوي پادىلىرى ئوزۇقلىنىدىغان بوز يەرلەر بولىدۇ.
15تاكى روھ بىزگە يۇقىرىدىن تۆكۈلگۈچە، دالالار مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار بولغۇچە، مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار ئورمانزار دەپ ھېسابلانغۇچە شۇ پېتى بولىدۇ.
16شۇ چاغدا ئادالەت دالانى، ھەققانىيلىق مېۋىلىك باغ-ئېتىزلارنى ماكان قىلىدۇ.
17ھەققانىيلىقتىن چىقىدىغىنى خاتىرجەملىك بولىدۇ، خاتىرجەملىكنىڭ نەتىجىسى بولسا مەڭگۈگە بولىدىغان ئارام-تىنچلىق ۋە ئامان-ئېسەنلىك بولىدۇ.
18شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم خاتىرجەم ماكانلاردا، ئىشەنچلىك تۇرالغۇلاردا ۋە تىنچ ئارامگاھلاردا تۇرىدۇ.
19ئورمان كېسىلىپ يىقىتىلغاندا مۆلدۈر ياغسىمۇ، شەھەر پۈتۈنلەي يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلسىمۇ،
20سۇ بويىدا ئۇرۇق تېرىغۇچىلار، كالا ۋە ئېشەكلەرنى كەڭ دالاغا قويۇۋېتىدىغانلار بەختلىكتۇر!