Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشايا

يەشايا 12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ــ ۋە شۇ كۈنى سەن‫‪:‬‬ ــ ــ ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنى مەدھىيىلەيمەن؛ سەن ماڭا غەزەپلەنگىنىڭ بىلەن، غەزىپىڭ مەندىن يۆتكىلىپ كەتتى، ۋە سەن ماڭا تەسەللى بەردىڭ.
2مانا، تەڭرى مېنىڭ نىجاتىمدۇر؛ مەن ئۇنىڭغا تايىنىمەن، قورقمايمەن، ياھ پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم ۋە ناخشامدۇر؛ ئۇ يەنە مېنىڭ نىجاتىم بولدى، ــ دەيسەن.
3ــ شادلىق بىلەن سىلەر نىجاتلىق قۇدۇقلىرىدىن سۇ تارتىسىلەر.
4شۇ كۈنىدە سىلەر‫‪:‬‬ ــ «پەرۋەردىگارغا رەھمەت ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ ئەمەللىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار، ئۇنىڭ نامىنىڭ زور ئابرۇي تاپقانلىقىنى جاكارلاڭلار.
5پەرۋەردىگارغا كۈيلەر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغان؛ مانا بۇ پۈتكۈل جاھانغا ئايان قىلىنسۇن!
6زىئوندىكىلەر، تەنتەنە قىلىپ جار سېلىڭلار؛ چۈنكى ئاراڭلاردا تۇرغان ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى بۈيۈكتۇر!» ــ دەيسىلەر.