Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر

پەند-نەسىھەتلەر 20

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1شاراب كىشىنى رەسۋا قىلار، ھاراق كىشىنى غالجىرلاشتۇرار؛ كىمكى ئۇنىڭغا بېرىلىپ ئېزىپ كەتسە، ئەقىلسىزدۇر.
2پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قورقۇنچلۇقتۇر؛ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن، ئۆز جېنىغا جازا چۈشۈرەر.  
3ئۆزىنى ماجىرادىن نېرى قىلىش كىشىنىڭ ئىززىتىدۇر؛ بىراق ھەربىر ئەخمەق ئۆزىنى باسالماس.
4ھۇرۇن ئادەم قىشتا يەر ھەيدىمەس؛ يىغىم ۋاقتىدا يوقلۇقتا قېلىپ ئاشلىق تىلەر.
5كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي‫‪‎-‎‬‬نىيەتلىرى چوڭقۇر سۇغا ئوخشاشتۇر؛ يورۇتۇلغان ئادەم ئۇلارنى تارتىپ ئالالايدۇ.  
6ئۆزىنى سادىق دەيدىغانلار كۆپتۇر؛ بىراق ئىشەنچلىك بىر ئادەمنى كىم تاپالىسۇن؟
7ھەققانىي ئادەم دىيانەتلىك يولدا ماڭار؛ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت قالدۇرۇلار!
8پادىشاھ ئادالەت تەختىدە ئولتۇرغاندا، ھەممە يامانلىقنى كۆزى بىلەن قوغلايدۇ.
9كىم ئۆزىنى گۇناھدىن تازىلاندىم، ۋىجدانىم پاكلاندى، دېيەلەيدۇ؟
10ئىككى خىل تارازا تېشى، ئىككى خىل كۈرە ئىشلىتىش، ئوخشاشلا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر.
11ھەتتا بالا ئۆز خىسلىتى بىلەن بىلىنەر؛ ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ پاك، دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكى ھەرىكەتلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرار.
12كۆرىدىغان كۆزنى، ئاڭلايدىغان قۇلاقنى، ھەر ئىككىسىنى پەرۋەردىگار ياراتتى.
13ئۇيقۇغا ئامراق بولما، نامراتلىققا ئۇچرايسەن؛ كۆزۈڭنى ئېچىپ ئويغاق بول، نېنىڭ مول بولار.
14خېرىدار مال ئالغاندا‫‪:‬‬ «ناچار ئىكەن، ناچار ئىكەن!» دەپ قاقشايدۇ؛ ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن «ئېسىل نەرسە، ئەرزان ئالدىم» دەپ ماختىنىدۇ.
15ئالتۇن بار، لەئەل‫‪‎-‎‬‬ياقۇتلارمۇ كۆپتۇر؛ بىراق بىلىمنى بېغىشلىغان لەۋلەر نېمىدېگەن قىممەتلىك گۆھەردۇر!
16ياتقا كېپىل بولغان كىشىدىن قەرزگە تونىنى تۇتۇپ ئالغىن؛ يات خوتۇنغا كاپالەت بەرگەن كىشىدىن كاپالەت پۇلى ئال.
17ئالداپ ئېرىشكەن تاماق تاتلىقتۇر؛ كېيىن، ئۇنىڭ يېگىنى شېغىل بولار.
18پىلانلار مەسلىھەت بىلەن بېكىتىلەر؛ پىشقان كۆرسەتمە بىلەن جەڭ قىلغىن.

19گەپ توشۇغۇچى سىرلارنى ئاشكارىلار؛ شۇڭا ۋالاقتەككۈر بىلەن ئارىلاشما.
20كىمىكى ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسىنى ھاقارەت قىلسا، ئۇنىڭ چىرىغى زۇلمەت قاراڭغۇسىدا ئۆچەر!
21تېز ئېرىشكەن مىراس ھامان بەرىكەتلىك بولماس.
22يامانلىققا يامانلىق قايتۇراي دېمە؛ پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كۈت، ئۇ دەردىڭگە يېتەر.
23ئىككى خىل تارازا تېشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ساختا ئۆلچەم قەتئىي يارىماس.  
24ئىنساننىڭ ھاياتلىق قەدەملىرىنى پەرۋەردىگار بەلگىلەيدۇ؛ ئۇنداقتا ئىنسان ئۆز مۇساپىسىنى نەدىن بىلسۇن؟
25بىر نەرسىسىنى يېنىكلىك بىلەن «خۇداغا ئاتالغان!» دەپ ۋەدە بېرىش، قەسەملەردىن كېيىن ئىككىلىنىپ قايتا ئويلىنىش، ئۆز جېنىنى قىلتاققا چۈشۈرگەنگە باراۋەر.
26دانا پادىشاھ يامانلارنى توپاننى سورۇغاندەك سورۇۋېتىدۇ، خامان تەپكەندەك تۇلۇق بىلەن يانجىۋېتەر.
27ئادەمنىڭ روھ‫‪‎-‎‬‬ۋىجدانى ــ پەرۋەردىگارنىڭ چىرىغىدۇر، ئۇ قەلبنىڭ ھەربىر تەگلىرىنى تەكشۈرۈپ پەرق ئېتەر.
28مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت ۋە ھەقىقەت پادىشاھنى ساقلايدۇ؛ ئۇ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت بىلەنلا ئۆز تەختىنى مۇستەھكەملەيدۇ.
29ياش يىگىتلەرنىڭ قاۋۇللۇقى ئۇلارنىڭ پەخرىدۇر؛ قېرىلارنىڭ ئىززىتى ئاق چاچلىرىدۇر.
30تەربىيە يارىلىرى يامانلىقنى تازىلاپ چىقىرار، تاياق ئىزلىرى ئىچ‫‪‎-‎‬‬باغىرنى تازا قىلار.