Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر

پەند-نەسىھەتلەر 4

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئى ئوغۇللار، ئاتاڭلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاڭلار، كۆڭۈل قويساڭلار، يورۇقلۇققا ئېرىشىسىلەر.
2چۈنكى سىلەرگە ئۆگىتىدىغانلىرىم ياخشى بىلىمدۇر، كۆرسەتمىلىرىمدىن ۋاز كەچمەڭلار.
3چۈنكى مەنمۇ ئاتامنىڭ يۇمران بالىسى ئىدىم، ئانامنىڭ ئارزۇلۇق يالغۇز ئوغلى ئىدىم،
4ئاتام ماڭا ئۆگىتىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ سۆزلىرىمنى ئېسىڭدە تۇت؛ كۆرسەتمىلىرىمگە رىئايە قىل، شۇنىڭ بىلەن ياشنايسەن.
5دانالىقنى ئالغىن، ئەقىل تاپ، ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۇنتۇما، ئۇلاردىن چىقما.
6دانالىقتىن ۋاز كەچمە، ئۇ سېنى ساقلايدۇ؛ ئۇنى سۆيگىن، ئۇ سېنى قوغدايدۇ.
7دانالىق ھەممە ئىشنىڭ بېشىدۇر؛ شۇڭا دانالىقنى ئالغىن؛ بارلىقىڭنى سەرپ قىلىپ بولساڭمۇ، ئەقىل تاپقىن.
8دانالىقنى ئەزىزلىگىن، ئۇ سېنى كۆتۈرىدۇ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلىغاندا، سېنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ.
9بېشىڭغا تاقالغان گۈل چەمبىرەكتەك ساڭا گۈزەللىك ئېلىپ كېلىدۇ، ساڭا شۆھرەتلىك تاج ئىنئام قىلىدۇ.
10ئى ئوغلۇم، قۇلاق سالغىن، سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلغىن، شۇندا ئۆمرۈڭنىڭ يىللىرى كۆپ بولىدۇ.
11مەن ساڭا دانالىق يولىنى ئۆگىتەي، سېنى دۇرۇسلۇق يوللىرىغا باشلاي.
12ماڭغىنىڭدا قەدەملىرىڭ چەكلەنمەيدۇ، يۈگۈرسەڭ يىقىلىپ چۈشمەيسەن.
13ئالغان تەربىيەڭنى چىڭ تۇت، قولۇڭدىن كەتكۈزمىگىن؛ ئوبدان ساقلىغىن ئۇنى، چۈنكى ئۇ سېنىڭ ھاياتىڭدۇر.
14يامان ئادەملەر ماڭغان يولغا كىرمە، رەزىللەرنىڭ ئىزىنى باسما.
15ئۇلارنىڭ يولىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇر، يولىغا يېقىن يولىما؛ ئۇنىڭدىن يانداپ ئۆتۈپ كەت، نېرى كەتكىن.
16چۈنكى يامانلار بىرەر رەزىللىك قىلمىغۇچە ئۇخلىيالماس، بىرەرسىنى يىقىتمىغۇچە ئۇيقۇسى كەلمەس.
17يامانلىق ئۇلارنىڭ ئوزۇقىدۇر، زوراۋانلىق ئۇلارنىڭ شارابىدۇر.
18لېكىن ھەققانىيلارنىڭ يولى گويا تاڭ نۇرىدۇر، كۈن چۈش بولغۇچە بارغانسېرى يورۇيدۇ.

19يامانلارنىڭ يولى زۇلمەت كېچىدەك قاپقاراڭغۇ، ئۇلار يىقىلىپ، نېمىگە پۇتلىشىپ كەتكىنىنى بىلمەيدۇ.
20ئى ئوغلۇم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇب ئاڭلا، گەپلىرىمگە قۇلاق سال.
21ئۇلارنى كۆزۈڭدە تۇتقىن، يۈرىكىڭنىڭ قېتىدا قەدىرلەپ ساقلىغىن.
22چۈنكى سۆزلىرىم تاپقانلار ئۈچۈن ھاياتتۇر، ئۇلارنىڭ پۈتۈن تېنىگە سالامەتلىكتۇر.
23قەلبىڭنى «ھەممىدىن ئەزىز» دەپ ساپ تۇت، چۈنكى بارلىق ھايات ئىشلىرى قەلبتىن باشلىنىدۇ.
24ئاغزىڭنى ئەگرى گەپتىن يىراق تارت، لەۋلىرىڭ ئېزىتقۇلۇقتىن نېرى بولسۇن.
25كۆزۈڭنى ئالدىڭغا تۈز تىككىن، نەزىرىڭنى ئالدىڭغا توغرا تاشلا؛
26ماڭىدىغان يولۇڭنى ئوبدان ئويلانغىن، شۇنداق قىلساڭ ئىشلىرىڭ پۇختا بولىدۇ.
27ئوڭغا، سولغا قايمىغىن؛ قەدەملىرىڭنى يامانلىق يولىدىن نېرى تارت.