Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر

پەند-نەسىھەتلەر 15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1مۇلايىم جاۋاب غەزەپنى باسار؛ قوپال سۆز ئاچچىقنى قوزغار.
2ئاقىلانىلەرنىڭ تىلى بىلىمنى جارى قىلار؛ ئەخمەقنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ تۆكەر.
3پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەر يەردە يۈرەر؛ ياخشى‫‪‎-‎‬‬يامانلارنى كۆرۈپ تۇرار.  
4شىپا يەتكۈزگۈچى تىل خۇددى بىر «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر؛ تىلى ئەگرىلىك كىشىنىڭ روھىنى سۇندۇرار.  
5ئەخمەق ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە پىسەنت قىلماس؛ لېكىن ئاتىسىنىڭ تەنبىھىگە قۇلاق سالغان زېرەك بولار.
6ھەققانىينىڭ ئۆيىدە گۆھەرلەر كۆپتۇر؛ بىراق ياماننىڭ تاپاۋىتى ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تاپار.
7دانانىڭ لەۋلىرى بىلىم تارقىتار؛ ئەخمەقنىڭ كۆڭلىدىن ھېچ بىلىم چىقماس.
8يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ دۇرۇسلارنىڭ دۇئاسى ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر.
9يامانلارنىڭ يولى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ لېكىن ھەققانىيەتنى ئىنتىلىپ ئىزدىگۈچىنى ئۇ ياخشى كۆرەر.
10توغرا يولدىن چىققانلار ئازابلىق تەربىيىنى كۆرەر؛ تەنبىھگە ئۆچ بولغۇچى ئۆلەر.
11تەھتىسارا ۋە ھالاكەت پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئوچۇق تۇرغان يەردە، ئىنسان كۆڭلىدىكى ئوي‫‪‎-‎‬‬پىكىرنى قانداقمۇ ئۇنىڭدىن يوشۇرالىسۇن؟!  
12ھاكاۋۇر تەنبىھ بەرگۈچىنى ياقتۇرماس؛ ئۇ ئاقىلانىلەردىن نەسىھەت ئېلىشقا بارماس.
13كۆڭۈل شاد بولسا، خۇش چىراي بولار؛ دەرد‫‪‎-‎‬‬ئەلەم تارتسا، روھى سۇنار.
14يورۇتۇلغان كۆڭۈل بىلىمنى ئىزدەر؛ ئەقىلسىزنىڭ ئاغزى نادانلىقنى ئوزۇق قىلار.
15ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەممە كۈنلىرى تەستە ئۆتەر؛ بىراق شاد كۆڭۈل ھەركۈنىنى ھېيتتەك ئۆتكۈزەر.
16زور بايلىق بىلەن بىئاراملىق تاپقاندىن، ئازغا شۈكۈر قىلىپ، پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگەن ئەۋزەل.
17نەپرەت ئىچىدە يېگەن بورداق گۆشتە قىلىنغان كاتتا زىياپەتتىن، مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت ئىچىدە يېگەن كۆكتات ئەۋزەل.
18تېرىككەك كىشى جېدەل چىقىرار؛ ئېغىر‫‪‎-‎‬‬بېسىق تالاش‫‪‎-‎‬‬تارتىشلارنى تىنچلاندۇرار.

19ھۇرۇننىڭ يولى تىكەنلىك قاشادۇر، دۇرۇس ئادەمنىڭ يولى كۆتۈرۈلگەن يولدەك داغدامدۇر.
20دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛ ئەقىلسىز ئادەم ئانىسىنى كەمسىتەر.
21ئەقلى يوق كىشى ئەخمەقلىقى بىلەن خۇشتۇر؛ يورۇتۇلغان كىشى يولىنى توغرىلاپ ماڭار.
22مەسلىھەتسىز ئىش قىلغاندا نىشانلار ئەمەلگە ئاشماس؛ مەسلىھەتچى كۆپ بولغاندا مۇددىئالار ئەمەلگە ئاشۇرۇلار.
23كىشىگە جايىدا بەرگەن جاۋابىدىن خۇش بولار، دەل ۋاقتىدا قىلغان سۆز نەقەدەر ياخشىدۇر!
24ھاياتلىق يولى ئەقىللىق كىشىنى يۇقىرىغا باشلايدۇكى، ئۇنى چوڭقۇر تەھتىسارادىن قۇتقۇزار.
25پەرۋەردىگار تەكەببۇرنىڭ ئۆيىنى يۇلۇۋېتەر؛ بىراق ئۇ تۇل خوتۇنلارغا پاسىللارنى تۇرغۇزار.
26يامانلارنىڭ ئوي‫‪‎-‎‬‬پىكرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ بىراق ساپ دىلنىڭ سۆزلىرى سۆيۈملۈكتۇر.  
27ئاچ كۆز كىشى ئۆز ئائىلىسىگە ئاۋارىچىلىك كەلتۈرەر؛ پارا ئېلىشقا نەپرەتلەنگەن كىشى كۈن كۆرەر.
28ھەققانىي ئادەم قانداق جاۋاب بېرىشتە قايتا‫‪‎-‎‬‬قايتا ئويلىنار؛ يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق تۆكۈلەر.
29پەرۋەردىگار يامان ئادەمدىن يىراقتۇر؛ بىراق ئۇ ھەققانىينىڭ دۇئاسىنى ئاڭلار.
30خۇش كۆزلەر كۆڭۈلنى شادلاندۇرار؛ خۇش خەۋەر ئۇستىخانلارغا گۆش‫‪‎-‎‬‬ماي قوندۇرار.
31ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان تەنبىھكە قۇلاق سالغان كىشى دانالارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالار.
32تەربىيەنى رەت قىلغان ئۆز جېنىنى خار قىلار؛ تەنبىھگە قۇلاق سالغان يورۇتۇلار.
33پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئادەمگە دانالىق ئۆگىتەر؛ ئاۋۋال كەمتەرلىك بولسا، ئاندىن شۆھرەت كېلەر.