Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر

پەند-نەسىھەتلەر 17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1قۇربانلىق گۆشلىرىگە تولغان جېدەللىك ئۆيدىن، بىر چىشلەم قۇرۇق نان يەپ، كۆڭۈل تىنچلىقتا بولغان ئەۋزەل.  
2خىزمەتكار چېۋەر بولسا، خوجىسىنىڭ نومۇستا قويغۇچى ئوغلىنى باشقۇرار؛ كەلگۈسىدە ئۇ خوجىنىڭ ئوغلى قاتارىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ مىراسنى تەقسىم قىلار.
3ساپال قازان كۈمۈشنى تاۋلار، چاناق ئالتۇننى تاۋلار، بىراق ئادەمنىڭ قەلبىنى پەرۋەردىگار سىنار.
4قەبىھ كىشى يامان سۆزلەرگە ئىشىنەر؛ يالغانچى پىتنىچىلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالار.
5مىسكىنلەرنى مەسخىرە قىلغۇچى، ئۆزىنى ياراتقۇچىنى ھاقارەتلىگۈچىدۇر؛ باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولغان كىشى جازاسىز قالماس.
6قېرىلارنىڭ نەۋرىلىرى ئۇلارنىڭ تاجىدۇر؛ پەرزەنتلەرنىڭ پەخرى ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىدۇر.
7ئەخمەق يارىشىق گەپ قىلسا ئۇنىڭغا ياراشماس؛ مۆتىۋەر يالغان سۆزلىسە ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياراشماس.
8پارا ــ ئۇنى بەرگۈچىنىڭ نەزىرىدە ئېسىل بىر گۆھەردۇر؛ گويا ئۇنى نەگىلا ئىشلەتسە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغاندەك.
9باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى يوپۇتۇپ كەچۈرگەن كىشى مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەتنى كۆزلەر؛ كونا خاماننى سورىغان كىشى يېقىن دوستلارنى دۈشمەن قىلار.
10ئاقىلانىگە سىڭگەن بىر ئېغىز تەنبىھ، ئەخمەققە ئۇرۇلغان يۈز دەررىدىن ئۈنۈملۈكتۇر.
11يامانلار پەقەت ئاسىيلىقنى كۆزلەر؛ ئۇنى جازالاشقا رەھىمسىز بىر ئەلچى ئەۋەتىلەر.
12ئەخمىقانە ئىش قىلىۋاتقان نادان كىشىگە ئۇچراپ قالغاندىن كۆرە، بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئېيىققا يولۇقۇپ قالغان ياخشى.
13كىمكى ياخشىلىققا يامانلىق قىلسا، ئىشىكىدىن بالايىقازا نېرى كەتمەس.
14جېدەلنىڭ باشلىنىشى توسمىنى سۇ ئېلىپ كەتكەنگە ئوخشايدۇ؛ شۇڭا جېدەل پارتلاشتىن ئاۋۋال تالاش‫‪‎-‎‬‬تارتىشتىن قول ئۈزگىن.
15ياماننى ئاقلىغان، ھەققانىيغا قارا چاپلىغان، ئوخشاشلا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر.
16ئەخمەقنىڭ كۆڭلى دانالىقنى ئەتىۋارلىمىسا، قانداقمۇ ئۇنىڭ قولىدا دانالىقنى سېتىۋالغۇدەك پۇلى بولسۇن؟
17ھەقىقىي دوست ھەردائىم ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتەر، ھەقىقىي قېرىنداش يامان كۈنۈڭ ئۈچۈن ياردەمگە دۇنياغا كەلگەندۇر.
18ئەقىلسىز كىشى قول بېرىپ، يېقىنى ئۈچۈن كېپىل بولىدۇ.

19جېدەلگە ئامراق گۇناھقا ئامراقتۇر؛ بوسۇغىنى ئېگىز قىلغان ھالاكەتنى ئىزدەر.  
20نىيىتى بۇزۇلغان ياخشىلىق كۆرمەس؛ تىلىدا ھەق‫‪‎-‎‬‬ناھەقنى ئاستىن‫‪‎-‎‬‬ئۈستۈن قىلغۇچى بالاغا يولۇقار.
21بالا ئەخمەق بولسا، ئاتا غەم‫‪‎-‎‬‬قايغۇغا پاتار؛ ھاماقەتنىڭ ئاتىسى خوشاللىق كۆرمەس.
22شاد كۆڭۈل شىپالىق دورىدەك تەنگە داۋادۇر؛ سۇنۇق روھ‫‪‎-‎‬‬دىل ئادەمنىڭ يىلىكىنى قۇرۇتار.
23چىرىك ئادەم يەڭ ئىچىدە پارىنى قوبۇل قىلار؛ ئۇ ئادالەتنىڭ يولىنى بۇرمىلار.
24دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرار؛ بىراق ئەقىلسىزنىڭ كۆزى خىيالكەشلىك قىلىپ قۇتۇپتا يۈرەر.
25گالۋاڭ بالا ئاتىنى ئازابغا سالار؛ ئۇنى تۇغقۇچىنىڭمۇ دەردى بولار.
26ھەققانىيلارغا جەرىمانە قويۇشقا قەتئىي بولماس؛ ئەمىرلەرنى ئادالەتنى قوللىغىنى ئۈچۈن دۇمبالاشقا بولماس.
27بىلىمى بار كىشى كەم سۆزلۈك بولار؛ يورۇتۇلغان ئادەم قالتىس ئېغىر‫‪‎-‎‬‬بېسىق بولار.
28ھەتتا ئەخمەقمۇ ئاز سۆزلىسە دانا ھېسابلىنار؛ تىلىنى تىزگىنلىگەن كىشى دانىشمەن سانىلار.