Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر

پەند-نەسىھەتلەر 7

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئى ئوغلۇم، سۆزلىرىمگە ئەمەل قىل، تاپشۇرۇقلىرىمنى يۈرىكىڭدە ساقلا.
2تاپشۇرۇقلىرىمغا ئەمەل قىلساڭ، ياشنايسەن؛ تەلىملىرىمنى كۆز قارىچۇقۇڭنى ئاسرىغاندەك ئاسرا.
3ئۇلارنى بارماقلىرىڭغا تېڭىپ قوي، قەلب تاختاڭغا يېزىۋال.
4دانالىقنى، سەن ھەدە‫‪‎-‎‬‬سىڭلىم، دېگىن، پەم‫‪‎-‎‬‬پاراسەتنى «تۇغقىنىم» دەپ چاقىر.
5شۇنداق قىلساڭ، ئۇلار سېنى يات خوتۇندىن يىراقلاشتۇرىدۇ، ئاغزىدىن سىلىق سۆز چىقىدىغان يوچۇن ئايالدىن نېرى قىلىدۇ.
6بىر قېتىم ئۆينىڭ دېرىزە كۆزنەكلىرىدىن تاشقىرىغا قارىغىنىمدا،
7بىرنەچچە ياش، ساددا يىگىتلەرنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئەقىلسىزنى كۆرۈپ قالدىم،
8ئۇ كوچا بويلاپ بۇزۇق خوتۇن تۇرۇشلۇق دوقمۇشتىن ئۆتۈپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
9كەچقۇرۇن قاراڭغۇ چۈشكەندە، زۇلمەت كېچە، ئاي قاراڭغۇسىدا ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتتى.
10مانا، ئۆيدىن بىر خوتۇن چىقىپ ئۇنى كۈتۈۋالدى؛ كىيىمى پاھىشە ئاياللارنىڭكىدەك بولۇپ، نىيىتى ھىيلە‫‪‎-‎‬‬مىكىر ئىدى.
11ئاغزى بىشەم‫‪‎-‎‬‬ھاياسىز، ناھايىتى جاھىل بىر خوتۇن، ئۇ ئۆيىدە تۇرمايدۇ،
12بىردە مەھەللىدە، بىردە مەيدانلاردا، ئۇ كوچىلاردىكى ھەر دوقمۇشتا پايلاپ يۈرىدۇ.
13ھېلىقى ياش يىگىتنى تارتىپ، ئۇنى سۆيۈپ، نومۇسسىزلارچە ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ
14«ئۆيۈمدە «ئىناقلىق قۇربانلىقى» گۆشى بار، مەن بۈگۈن خۇداغا قەسەم قىلغان قۇربانلىقنى قىلدىم،
15شۇڭا مەن سىزنى چاقىرغىلى چىقتىم، دىدارىڭىزغا تەلپۈنۈپ ئىزدىدىم. ئەمدى سىزنى تېپىۋالدىم!
16كارۋىتىمغا مىسىرنىڭ كەشتىلىك، يوللۇق لىباس ياپقۇچلىرىنى ياپتىم.
17ئورۇن‫‪‎-‎‬‬كۆرپىلىرىمگە خۇش پۇراق مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە قوۋزاق دارچىنلارنى چاچتىم.
18كېلىڭ، تاڭ ئاتقۇچە مۇھەببەتلىشەيلى، ئويناپ ھۇزۇرلىنايلى، كۆڭلىمىز قانغۇچە ئۆزئارا ئەيش‫‪‎-‎‬‬ئىشرەت قىلايلى،

19ئېرىم ئۆيدە يوق، يىراق سەپەرگە چىقىپ كەتتى.
20ئۇ بىر ھەميان پۇل ئېلىپ كەتتى، ئاي تولغۇچە ئۇ ئۆيگە كەلمەيدۇ» ــ دېدى.
21ئايال كۆپ شېرىن سۆزلىرى بىلەن راسا قىزىقتۇردى، چىرايلىق گەپلىرى بىلەن ئۇنى ئەسىر قىلىۋالدى.
23سويۇشقا ئېلىپ ماڭغان ئۆكۈزدەك، ھاماقەت كىشى كىشەن بىلەن جازاغا ماڭغاندەك، قىلتاققا چۈشكەن قۇشتەك، يىگىت ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى. جىگىرىنى ئوق تېشىپ ئۆتمىگۇچە، ئۇ بۇ ئىشنىڭ ھاياتىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ.
24ئى ئوغۇللىرىم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، دېگەنلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار،
25قەلبىڭلارنى بۇنداق خوتۇننىڭ يولىغا كەتكۈزمەڭلار، ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەڭلار.
26بۇنداق ئايال نۇرغۇن كىشىلەرنى يىقىتىپ يارىلاندۇرغان، ئۇنىڭ بوغۇزلىغان ئادەملىرى تولىمۇ كۆپتۇر،
27ئۇنىڭ ئۆيى بولسا تەھتىسارانىڭ كىرىش ئېغىزىدۇر، ئادەمنى «ھالاكەت مېھمانخانىسى»غا چۈشۈرۈش يولىدۇر.