Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر

پەند-نەسىھەتلەر 29

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1قايتا‫‪‎-‎‬‬قايتا ئەيىبلىنىپ تۇرۇپ يەنە بوينى قاتتىقلىق قىلغان كىشى، تۇيۇقسىزدىن داۋالىغۇسىز يانجىلار.
2ھەققانىيلار گۈللەنسە، پۇقرالىرى شادلىنار، قەبىھلەر ھوقۇق تۇتسا پۇقرا نالە‫‪‎-‎‬‬پەرياد كۆتۈرەر.
3دانالىقنى سۆيگەن ئوغۇل ئاتىسىنى خۇش قىلار؛ بىراق پاھىشىلەرگە ھەمراھ بولغان ئۇنىڭ مال‫‪‎-‎‬‬مۈلكىنى بۇزۇپ‫‪‎-‎‬‬چاچار.
4پادىشاھ ئادالەت بىلەن يۇرتىنى تىنچ قىلار؛ بىراق باج‫‪‎-‎‬‬سېلىق سالغان بولسا، ئۇنى ۋەيران قىلار.
5ئۆز يېقىنىغا خۇشامەت قىلغان كىشى، ئۇنىڭ پۇتلىرىغا تور تەييارلاپ قويغاندۇر.
6رەزىل ئادەمنىڭ گۇناھى ئۆزىگە قاپقان ياساپ قۇرار؛ بىراق ھەققانىي كىشى ناخشىلار بىلەن شادلىنار.
7ھەققانىي كىشى مىسكىننىڭ دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈر؛ بىراق يامانلار بولسا بۇ ئىشنى چۈشەنمەس.
8ھاكاۋۇر كىشىلەر شەھەرنى قۇترىتىپ داۋالغۇتار؛ بىراق ئاقىلانىلەر ئاچچىق غەزەپلەرنى ياندۇرار.
9دانا كىشى ئەخمەق بىلەن دەۋالاشسا، ئەخمەق ھۈرپىيىدۇ ياكى كۈلىدۇ، نەتىجىسى ھامان تىنچلىق بولماس.
10قانخورلار پاك‫‪‎-‎‬‬دىيانەتلىكلەرگە نەپرەتلىنەر؛ دۇرۇسلارنىڭ جېنىنى بولسا، ئۇلار قەستلەر.
11ئەخمەق ھەردائىم ئىچىدىكى ھەممىنى ئاشكارا قىلار؛ بىراق دانا ئۆزىنى بېسىۋالار.
12ھۆكۈمدار يالغان سۆزلەرگە قۇلاق سالسا، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى يامان ئۆگەنمەي قالماس.
13گاداي بىلەن ئۇنى ئەزگۈچى كىشى بىر زېمىندا ياشار؛ ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزىنى نۇرلاندۇرغۇچى پەرۋەردىگاردۇر.  
14يوقسۇللارنى دىيانەت بىلەن سورىغان پادىشاھنىڭ بولسا، تەختى مەڭگۈگە مەھكەم تۇرار.
15تاياق بىلەن تەنبىھ‫‪‎-‎‬‬نەسىھەت بالىلارغا دانالىق يەتكۈزەر؛ بىراق ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئانىسىنى خىجالەتكە قالدۇرار.
16يامانلار گۈللىنىپ كەتسە، ناھەقلىك كۆپىيەر؛ لېكىن ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرەر.
17ئوغلۇڭنى تەربىيەلىسەڭ، ئۇ سېنى ئارام تاپقۇزار؛ ئۇ كۆڭلۈڭنى سۆيۈندۈرەر.
18پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى بولمىغان ئەلنىڭ پۇقرالىرى يولدىن چىقىپ باشپاناھسىز قالار؛ لېكىن تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان كىشى بەختلىكتۇر.

19قۇلنى سۆز بىلەنلا تۈزەتكىلى بولماس؛ ئۇ سۆزۈڭنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، ئېتىبار قىلماس.
20ئاغزىنى باسالمايدىغان كىشىنى كۆرگەنمۇ؟ ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن، ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتۈش ئەۋزەلدۇر.
21كىمكى ئۆز قۇلىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بېشىغا چىقار.
22تېرىككەك كىشى جېدەل‫‪‎-‎‬‬ماجىرا قوزغاپ تۇرار؛ ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپتۇر.
23مەغرۇرلۇق كىشىنى پەس قىلار، بىراق كەمتەرلىك كىشىنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرەر.
24ئوغرى بىلەن شېرىك بولغان كىشى ئۆز جېنىغا دۈشمەندۇر؛ ئۇ سوراقچىنىڭ گۇۋاھ بېرىشكە ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن راست گەپ قىلىشقا پېتىنالماس.  
25ئىنسان بالىسىدىن قورقۇش ئادەمنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ؛ بىراق كىمكى پەرۋەردىگارغا تايانغان بولسا، ئۇ بىخەتەر كۆتۈرۈلەر.
26كۆپ كىشىلەر ھۆكۈمداردىن ئىلتىپات ئىزدەپ يۈرەر؛ بىراق ئادەمنىڭ ھەق‫‪‎-‎‬‬رىزقى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭلا قولىدىدۇر.
27ناھەقلەر ھەققانىيلارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ دۇرۇس يولدا ماڭغان كىشىلەر يامانلارغا يىرگىنچلىكتۇر.