Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر

پەند-نەسىھەتلەر 11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1يالغان تارازا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ئادىل جىڭ تېشى ئۇنى خۇرسەن قىلار.
2تەكەببۇرلۇق بىلەن بىرگە شەرمەندىچىلىك ئەگىشىپ كېلەر؛ لېكىن دانالىق كىچىك پېئىللارغا ھەمراھ بولار.
3توغرىلارنىڭ سەمىمىيلىكى ئۆزىنى يېتەكلەر؛ لېكىن كاززاپلارنىڭ ئەگرىلىكى ئۆزىنى ۋەيران قىلار.
4خۇدانىڭ غەزەپ كۈنىدە مال‫‪‎-‎‬‬دۇنيانىڭ پايدىسى بولماس؛ لېكىن ھەققانىيەت ئادەمنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزار.
5كامىل ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزىنى تۈز يولغا باشلار؛ يامان ئادەم ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار.
6دۇرۇس ئادەملەرنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزلىرىنى قۇتقۇزار؛ لېكىن كاززاپلار ئۆز ھىيلە‫‪‎-‎‬‬نەيرىڭىدىن تۇتۇلار.
7رەزىل ئادەم ئۆلسە، ئۇنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقار؛ گۇناھكارنىڭ ئۈمىدى ئاخىرى قۇرۇق قالار.
8ھەققانىي ئادەم قىيىنچىلىقتىن خالىي قىلىنار؛ رەزىل ئادەم ئۇنىڭ ئورنىغا تۇتۇلار.
9مۇناپىقلار ئۆز ئاغزى بىلەن يېقىنىنى بۇزار؛ لېكىن ھەققانىيلار بىلىمى بىلەن قۇتقۇزۇلار.
10ھەققانىي ئادەم روناق تاپسا، شەھەر خۇش بولار؛ رەزىل ئادەم ھالاك بولسا، خەلق تەنتەنە قىلار.
11توغرىلارنىڭ بەرىكەت تىلەشلىرى بىلەن شەھەر گۈللىنەر؛ لېكىن رەزىللەرنىڭ تىلى بىلەن ۋەيران بولار.
12ئۆز يېقىنىنى سۆكىدىغان كىشى ــ ئەقىلسىزدۇر؛ ئەمما يورۇتۇلغان ئادەم ئاغزىنى يىغار.
13گەپ توشۇغۇچى مەخپىيەتلەرنى ئاشكارىلار؛ سادىق ئادەم ئامانەتكە خىيانەت قىلماس.
14يوليورۇق كەم بولسا، ئەل‫‪‎-‎‬‬يۇرت يىقىلار؛ ئۇلۇغ بىر مەسلىھەتچى بولسا، ئەل نىجات تاپار.  
15ياتقا بورۇن بولغان كىشى زىيان تارتماي قالماس؛ قول بېرىشىپ كېپىل بولۇشنى يامان كۆرگەن كىشىنىڭ قۇلىقى تىنچ بولار.
16شاپائەتلىك ئايال ئىززەت‫‪‎-‎‬‬ھۆرمەتنى قولدىن بەرمەس؛ زوراۋانلار بايلىقنى قولدىن بەرمەس.
17رەھىمدىل ئۆز‫‪‎-‎‬‬ئۆزىگە بەخت يارىتار؛ رەھىمسىز ئۆز تېنىنى ئاغرىتار.
18يامان ئادەملەرنىڭ ئالغان ئىش ھەققى ئۇلارنى ئالدار، بەرىكەتسىز بولار؛ ئەمما ھەققانىيەت تېرىغۇچى ئادەم ئەمەلىي ئىنئام ئالار.

19ھەققانىيەت ئادەمگە ھاياتلىق تاپقۇزار؛ يامانلىقنى كۆزلەپ يۈرىدىغان كىشى ئۆلۈمگە يۈز تۇتار.
20نىيىتى بۇزۇق كىشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ئەمما يولى دىيانەتلىك كىشىلەر ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر.
21قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ، يامانلار جازاغا تارتىلماي قالماس؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ نەسلى نىجات تاپار.  
22چىرايلىق ئەمما تېتىقسىز خوتۇن، چوشقىنىڭ تۇمشۇقىغا ئالتۇن ھالقا سالغاندەكتۇر.
23ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى پەقەت ياخشى مېۋە ئېلىپ كېلەر؛ يامانلارنىڭ كۈتكىنى غەزەپ‫‪‎-‎‬‬نەپرەتتۇر.
24بىراۋ مەردلەرچە تارقاتسىمۇ، گۈللىنەر؛ يەنە بىراۋ بېرىشكە تېگىشلىكىنى ئايىسىمۇ، پەقەت نامراتلىشار.
25مەرد ئادەم ئەتلىنەر؛ باشقىلارنى سۇغارغۇچى ئۆزىمۇ سۇغىرىلار.
26ئاشلىقنى ساتماي بېسىۋالغان كىشى ئەلنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ؛ لېكىن ئاشلىقنى سېتىپ بەرگۈچىگە بەرىكەت تىلىنەر.
27ياخشىلىقنى ئىزدەپ ئىنتىلگەن ئادەم شاپائەت تاپار؛ يامانلىقنى ئىزدىگەن ئادەم ئۆزى يامانلىق كۆرەر.
28ئۆز مال‫‪‎-‎‬‬دۇنىياسىغا تايانغۇچى يىقىلار؛ ھەققانىي كىشى يوپۇرماقتەك كۆكىرەر.
29ئۆز ئۆيىگە ئازارچىلىق سالغان كىشى شامالغا مىراس بولار؛ ئەقىلسىز ئادەم ئاقىلانىنىڭ قۇلى بولۇپ قالار.
30ھەققانىينىڭ بېرىدىغان مېۋىسى «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر؛ دانا كىشى كۆڭۈللەرنى ھاياتلىققا مايىل قىلار.
31قاراڭلار، ھەققانىي ئادەم بۇ دۇنيادا سەۋەنلىكى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن يەردە، رەزىللەر بىلەن گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟