1ئى ئوغلۇم، ئەگەر سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلساڭ، نەسىھەتلىرىمنى قەلبىڭگە پۈكسەڭ،
2ئەگەردە دانالىققا قۇلاق سالساڭ، يورۇقلۇققا ئېرىشىشكە كۆڭۈل بەرسەڭ،
3ئەگەر ئەقىل-پاراسەتكە تەشنا بولۇپ ئىلتىجا قىلساڭ، يورۇقلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋازدا يېلىنساڭ،
4ئەگەر كۈمۈشكە ئىنتىلگەندەك ئىنتىلسەڭ، يوشۇرۇن گۆھەرنى ئىزدىگەندەك ئىزدىسەڭ،
5ئۇنداقتا پەرۋەردىگاردىن ھەقىقىي قورقۇشنى بىلىدىغان بولىسەن، ۋە ساڭا خۇدانى تونۇش نېسىپ بولىدۇ.
6چۈنكى پەرۋەردىگار دانالىق بەرگۈچىدۇر؛ ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىلىم بىلەن يورۇقلۇق چىقىدۇ.
7ئۇ دۇرۇس ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن مول ھېكمەت تەييارلاپ قويغاندۇر، ئۇ ۋىجدانلىق ئادەملەر ئۈچۈن قالقاندۇر.
8ئۇ ئادىللىق قىلغۇچىلارنىڭ يوللىرىنى ئاسرايدۇ، ئىخلاسمەن بەندىلىرىنىڭ يولىنى قوغدايدۇ.
9ئۇ چاغدا ھەققانىيلىق، ئادىللىق ۋە دۇرۇسلۇقنى، شۇنداقلا ھەرقانداق گۈزەل يولنى چۈشىنىدىغان بولىسەن.
10دانالىق قەلبىڭگە كىرىشى بىلەنلا، بىلىم كۆڭلۈڭگە يېقىشى بىلەنلا،
11پەم-پاراسەت سېنى قوغدايدۇ، يورۇقلۇق سېنى ساقلايدۇ.
12ئۇلار سېنى يامان يولدىن، تىلى زەھەر ئادەملەردىن قۇتقۇزىدۇ؛
13يەنى توغرا يولدىن چەتنىگەنلەردىن، قاراڭغۇ يوللاردا ماڭىدىغانلاردىن،
14رەزىللىك قىلىشنى ھۇزۇر كۆرىدىغانلاردىن، يامانلىقنىڭ زىيانلىرىنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغانلاردىن،
15يەنى ئەگرى يوللاردا ماڭىدىغانلاردىن، قىڭغىر يولدا ماڭىدىغانلاردىن قۇتقۇزىدۇ.
16دانالىق سېنى بۇزۇق ئايالدىن، يەنى شىرىن سۆزلەر بىلەن ئازدۇرماقچى بولغان نامەھرەم ئاياللاردىن قۇتقۇزىدۇ.
17بۇنداق ئاياللار ياش ۋاقتىدا تەگكەن جورىسىنى تاشلاپ، خۇدا ئالدىدىكى نىكاھ قەسىمىنى ئۇنتۇغان ۋاپاسىزلاردىندۇر.
18ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان يول ئۆلۈمگە ئاپىرىدىغان يولدۇر، ئۇنىڭ ماڭىدىغان يوللىرى ئادەمنى ئەرۋاھلار ماكانىغا باشلايدۇ.
19ئۇنىڭ قېشىغا بارغانلارنىڭ بىرىمۇ قايتىپ كەلگىنى يوق، ئۇلاردىن بىرىمۇ ھاياتلىق يوللىرىغا ئېرىشكىنى يوق.
20شۇلارنى چۈشەنسەڭ ياخشىلارنىڭ يولىدا ماڭىسەن، ھەققانىيلارنىڭ يوللىرىنى تۇتىسەن.
21چۈنكى دۇرۇس ئادەم زېمىندا ياشاپ قالالايدۇ، مۇكەممەل كىشى بۇ يەردە ماكانلىشالايدۇ.
22لېكىن رەزىللەر زېمىندىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ۋاپاسىزلار ئۇنىڭدىن يۇلۇۋېتىلىدۇ.