Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر

پەند-نەسىھەتلەر 19

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەزىلەتلىك يولدا ماڭغان كەمبەغەل، ھىيلىگەر سۆزلۈك ئەخمەقتىن ياخشىدۇر.
2يەنە، غەيرىتى بار كىشى بىلىمسىز بولسا بولماس؛ ئالدىراڭغۇ يولدىن چىقار.
3كىشىنىڭ ئەخمەقلىكى ئۆز يولىنى ئاستىن‫‪‎-‎‬‬ئۈستىن قىلىۋېتەر؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ كۆڭلىدە پەرۋەردىگاردىن رەنجىپ ئاغرىنار.
4بايلىق دوستنى كۆپ قىلار؛ مىسكىنلەر بار دوستىدىنمۇ ئايرىلىپ قالار.
5يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ يالغان ئېيتقۇچىمۇ جازادىن قۇتۇلالماس.  
6تولا ئادەم سېخىيدىن ئىلتىپات كۆزلەر؛ سوۋغات بېرىپ تۇرغۇچىغا ھەممە كىشى دوستتۇر.
7نامراتلاشقاندىن قېرىنداشلىرىمۇ زېرىكەر؛ ئۇنىڭ دوستلىرى تېخىمۇ يىراق قاچار؛ يالۋۇرۇپ قوغلىسىمۇ، ئۇلار تېپىلماس.
8پەم‫‪‎-‎‬‬پاراسەتكە ئېرىشكۈچى ئۆزىگە كۆيۈنەر؛ نۇرنى ساقلىغان كىشىنىڭ بەختى بولار.
9يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ يالغان ئېيتقۇچىمۇ ھالاك بولار.
10ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئەخمەققە ياراشماس؛ قۇلنىڭ ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشى تېخىمۇ قاملاشماس.
11دانىشمەنلىك ئىگىسىنى ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدىغان قىلار؛ خاتالىقنى يوپۇتۇپ كەچۈرۈش ئۇنىڭ شۆھرىتىدۇر.
12پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۇۋلىشىغا ئوخشاش دەھشەتلىك بولار؛ ئۇنىڭ شەپقىتى يۇمران ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەك شېرىندۇر.
13ئەخمەق ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن بالايىقازادۇر؛ ئۇرۇشقاق خوتۇننىڭ زارلاشلىرى توختىماي تېمىپ چۈشكەن تامچە‫‪‎-‎‬‬تامچە يېغىنغا ئوخشاشتۇر.
14ئۆي بىلەن مال‫‪‎-‎‬‬مۈلۈك ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلاردىن مىراستۇر؛ بىراق پەم‫‪‎-‎‬‬پاراسەتلىك خوتۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىدىندۇر.
15ھۇرۇنلۇق كىشىنى غەپلەت ئۇيقۇغا غەرق قىلار؛ بىكار تەلەپ ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى تارتار.
16پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىلغان كىشى ئۆز جېنىنى ساقلار؛ ئۆز يوللىرىدىن ھېزى بولمىغان كىشى ئۆلەر.  
17كەمبەغەللەرگە رەھىمدىللىق قىلغان، پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەن بىلەن باراۋەردۇر؛ ئۇنىڭ شەپقىتىنى پەرۋەردىگار قايتۇرار.
18پەرزەنتىڭنىڭ تەربىيىنى قوبۇل قىلىشىغا ئۈمىدۋار بولۇپ، ئۇنى جازالاپ تەربىيە بېرىپ تۇرغىن؛ لېكىن ئۇنى ئۆلگۈچە خار بولسۇن دېگۈچى بولما.  

19قەھرلىك كىشى جازا تارتار؛ ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولساڭ، قايتا‫‪‎-‎‬‬قايتا قۇتقۇزۇشۇڭ كېرەك.
20نەسىھەتنى ئاڭلىغىن، تەربىيەنى قوبۇل قىلغىن، ئۇنداق قىلغاندا كېيىنكى كۈنلىرىڭدە دانا بولىسەن.
21كىشىنىڭ كۆڭلىدە نۇرغۇن نىيەتلەر بار؛ ئاخىرىدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ دالالەت‫‪‎-‎‬‬ھىدايىتىدىن چىققان ئىش ئاقار.
22كىشىنىڭ يېقىملىقى ئۇنىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببىتىدىندۇر؛ مىسكىن بولۇش يالغانچىلىقتىن ياخشىدۇر.
23پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش كىشىنى ھاياتقا ئېرىشتۈرەر؛ ئۇ كىشى خاتىرجەم، توق ياشاپ، بالايىقازا چۈشۈرۈلۈشىدىن خالىي بولار.
24ھۇرۇن قولىنى سۇنۇپ قاچىغا تىققىنى بىلەن، غىزانى ئاغزىغا سېلىشقىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلار.
25ھاكاۋۇرغا قىلىنغان تاياق جازاسى ساددىغا قىلىنغان ئىبرەتتۇر؛ يورۇتۇلغان كىشىگە بېرىلگەن تەنبىھ، ئۇنىڭ بىلىمىنى تېخىمۇ زىيادە قىلار.
26ئاتىسىنىڭ مېلىنى بۇلىغان، ئانىسىنى ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقارغان، رەسۋالىق، ئىزا‫‪‎-‎‬‬ئاھانەت قالدۇرغۇچى ئوغۇلدۇر.
27ئى ئوغۇل، نەسىھەتكە قۇلىقىڭنى يۇپۇرۇۋالساڭ، ئەقىلنىڭ تەلىملىرىدىن يىراقلاشقىنىڭدۇر.
28پەسكەش گۇۋاھچى ئادالەتنى مازاق قىلغۇچىدۇر؛ يامان ئادەمنىڭ ئاغزى رەزىللىكنى يۇتار.
29ھاكاۋۇرلار ئۈچۈن جازالار تەيياردۇر، ئەخمەقلەرنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرىدىغان قامچا تەيياردۇر.