Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 11

يۇھاننا 11:5-16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5ئەيسا مارتا، سىڭلىسى ۋە لازارۇسنى تولىمۇ سۆيەتتى.
6شۇڭا ئۇ لازارۇسنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا يەنە ئىككى كۈن تۇردى.
7ئاندىن كېيىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا‫‪:‬‬ ــ يەھۇدىيەگە قايتا بارايلى! ــ دېدى.
8مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۇستاز، يېقىندىلا ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلار سېنى چالما‫‪‎-‎‬‬كېسەك قىلماقچى بولغان تۇرسا، يەنە ئۇ يەرگە قايتا بارامسەن؟ ــ دېيىشتى.  
9ئەيسا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ كۈندۈزدە ئون ئىككى سائەت بار ئەمەسمۇ؟ كۈندۈزى يول ماڭغان كىشى پۇتلاشماس، چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيانىڭ يورۇقىنى كۆرىدۇ.
10لېكىن كېچىسى يول ماڭغان كىشى پۇتلىشار، چۈنكى ئۇنىڭدا يورۇقلۇق يوقتۇر.
11بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ‫‪:‬‬ ــ دوستىمىز لازارۇس ئۇخلاپ قالدى؛ مەن ئۇنى ئۇيقۇسىدىن ئويغاتقىلى بارىمەن، ــ دەپ قوشۇپ قويدى.
12شۇڭا مۇخلىسلار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئى رەب، ئۇخلىغان بولسا، ياخشى بولۇپ قالىدۇ، ــ دېدى.
13ھالبۇكى، ئەيسا لازارۇسنىڭ ئۆلۈمى توغرۇلۇق ئېيتقانىدى، لېكىن ئۇلار ئۇ دەم ئېلىشتىكى ئۇيقۇنى دەۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى.
14شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا ئوچۇقىنى ئېيتىپ‫‪:‬‬ ــ لازارۇس ئۆلدى، ــ دېدى.
15ــ بىراق سىلەرنى دەپ، سىلەرنىڭ ئېتىقاد قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ قېشىدا بولمىغانلىقىمغا خۇشالمەن. ئەمدى ئۇنىڭ يېنىغا بارايلى، ــ دېدى.
16«قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس باشقا مۇخلىسداشلىرىغا‫‪:‬‬ ــ بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارايلى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلەيلى، ــ دېدى.

Read يۇھاننا 11يۇھاننا 11
Compare يۇھاننا 11:5-16يۇھاننا 11:5-16