Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يارىتىلىش - يارىتىلىش 2

يارىتىلىش 2:7-22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
7ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى يەرنىڭ توپىسىدىن ياساپ، ھاياتلىق نەپەسىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا پۈۋلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئادەم تىرىك بىر جان بولدى.  
8ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا مەشرىق تەرەپتە ئېرەم دېگەن جايدا بىر باغ بىنا قىلىپ، ياسىغان ئادەمنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى.
9پەرۋەردىگار خۇدا يەردىن كۆزنى قاملاشتۇرىدىغان چىرايلىق، مېۋىلىرى يېيىشلىك ھەرخىل دەرەخنى ئۈندۈردى؛ ئۇ يەنە باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا «ھاياتلىق دەرىخى» ۋە «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نى ئۈندۈردى.  
10باغنى سۇغىرىشقا ئېرەمدىن بىر دەريا ئېقىپ چىقتى؛ ئاندىن بۆلۈنۈپ، تۆت ئېقىن بولدى.
11بىرىنچى ئېقىننىڭ نامى پىشون بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان پۈتكۈل ھاۋىلاھ زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ.
12بۇ يۇرتنىڭ ئالتۇنى ناھايىتى ئېسىل ئىدى؛ شۇ يەردە پۇراقلىق دېۋىرقاي بىلەن ئاق ھېقىقمۇ چىقىدۇ.
13ئىككىنچى دەريانىڭ نامى گىھون بولۇپ، پۈتكۈل كۇش زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ.
14ئۈچىنچى دەريانىڭ نامى دىجلە بولۇپ، ئاشۇرنىڭ شەرقىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، تۆتىنچى دەريانىڭ نامى ئەفرات ئىدى.
15پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى ئېلىپ ئېرەم بېغىغا ئىشلەپ، پەرۋىش قىلسۇن دەپ ئۇنى شۇ يەرگە قويۇپ قويدى.
16پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە ئەمر قىلىپ‫‪:‬‬ باغدىكى ھەربىر دەرەخ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭچە يە؛
17ئەمما «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نىڭ مېۋىسىدىن يېمىگىن؛ چۈنكى ئۇنىڭدىن يېگەن كۈنۈڭدە جەزمەن ئۆلىسەن، ــ دېدى.
18ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا يەنە سۆز قىلىپ‫‪:‬‬ ــ ئادەمنىڭ يالغۇز تۇرۇشى ياخشى ئەمەس؛ مەن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر ياردەمچى ھەمراھنى ياساپ بېرەي، ــ دېدى.
19پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن دالادىكى بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئاسماندىكى ھەممە ئۇچار‫‪‎-‎‬‬قاناتلارنى ياسىغانىدى؛ ئۇلارغا ئادەمنىڭ نېمە دەپ ئات قويىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارنى ئادەمنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. ئادەم ھەربىر جانىۋارغا نېمە دەپ ئات قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئېتى شۇ بولۇپ قالدى.
20بۇ تەرىقىدە ئادەم ھەممە مال‫‪‎-‎‬‬چارۋىلارغا، ئاسماندىكى ئۇچار‫‪‎-‎‬‬قاناتلارغا ۋە دالادىكى ھەربىر جانىۋارلارغا ئات قويدى؛ ۋەھالەنكى، ئادەم ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھېچبىر ياردەمچى ھەمراھ ئۇچراتمىدى.
21شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە بىر قاتتىق ئۇيقۇ سالدى؛ ئۇ ئۇخلاپ قالدى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، ئۇ ئۇنىڭ بىقىنىدىن بىر ئاز ئېلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئەت‫‪‎-‎‬‬گۆش بىلەن ئېتىپ قويدى.
22شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنىڭ بىقىنىدىن ئالغان شۇ قىسىمدىن بىر ئايالنى ياساپ، ئۇنى ئادەمنىڭ قېشىغا ئەكەلدى.

Read يارىتىلىش 2يارىتىلىش 2
Compare يارىتىلىش 2:7-22يارىتىلىش 2:7-22